«گۈزەل شىنجاڭ، بىز كەلدۇق»

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

− «جۇڭخۇادا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . گۈزەل شىنجاڭ» 2023 ـ يىللىق مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت سەپىرى پائالىيىتى ئۈرۈمچىگە كىردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

نۆۋەتچى پويىزنىڭ يولغا چىققان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىش، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش... 6 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ 2023 ـ يىللىق 1 ـ قارارلىق شىنجاڭ زىيارەت ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە كەلدى. مالايسىيا، مىسىر، كانادا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىلىپپىن قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدىكى 20 تاراتقۇ ھەمدە بەش مەركەز تاراتقۇسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى پىلانلاش سارىيى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن گۈزەل شىنجاڭنى دۇنياغا ھەمبەھرىلەيمىز.

6 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭخۇادا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . گۈزەل شىنجاڭ» 2023 ـ يىللىق مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت سەپىرى پائالىيىتى باشلاندى.

«نۆۋەتچى پويىز ئەڭ بالدۇر قاتنىغان ۋاقىت» «يۈك توشۇش، نۆۋەتچى پويىز سانلىق مەلۇماتى» «كەسىپلەرنىڭ ماكانلىشىشىدىكى ئەمەلىي مىسال»... تۇنجى بېكەت − ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى جاۋ يى زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا بىر ـ بىرلەپ جاۋاب بەردى.

«بىز شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.» مالايسىيا خەلقئارا جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى شۈ بىڭيى مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپتۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى پىلانلاش سارىيىدىكى بىر تىياتىرخانىدا، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش، شۇڭغۇش قاتارلىق تەقلىدىي كۆرۈنۈشلەردىن ئۈرۈمچىنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى، باغچىدىن سودا چەمبىرىكىگىچە، گاۋتيې ۋوگزالىدىن ئايرودۇرۇمغىچە... كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: مەيلى كۈندۈزدىكى قاينام ـ تاشقىنلىق بولسۇن ياكى كېچە مەنزىرىسىدىكى چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ نۇرلاردا بولسۇن، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار، خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر، خەلق ئۆرپ ـ ئادەتلىرى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، مىللىيچە ناخشا ـ ئۇسسۇللارنىڭ ھەممىسى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنى قەدىمىنى توختىتىشقا چوڭقۇر جەلپ قىلدى، توختىماي سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرغاندىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە مال سېتىۋېلىش، ئۆچرەتتە تۇرۇپ بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرنى داكا قىلىش شەكلىنى باشلىدى. «مەن بېيجىڭدىلا ھەممىلا يەردىن شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئىزدىگەنىدىم، بۇ قېتىم نەق مەيدانغا كېلىپ ھەقىقىي شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يەپ، ناھايىتى ھەيران قالدىم.» ئارگېنتىنا خۇارېن توۋتياۋسى(بېيجىڭ)نىڭ باش دىرېكتورى تاۋ خۇڭشى مەززىلىك تائاملارنى تېتىش بىلەن بىللە، يەنە سودىگەرلەر، ئاھالىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مەززىلىك تائاملارنى ئېتىش ئۇسۇلىدىن بەختلىك تۇرمۇشقىچە بولغان كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى زىيارەت خام ماتېرىيالى بولدى.

شۈ بىڭيى مۇنداق دېدى: مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىدە، ساپ قەلبىم بىلەن ئېنىق، ئاقىلانە، ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، ئادىل سادا ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، فوتو ئاپپاراتىم ئارقىلىق شىنجاڭدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى خاتىرىلەپ، قەدىمىم ئارقىلىق بۇ سىرلىق تۇپراقنى ئۆلچەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى دۇنياغا سۆزلەپ بېرىشنى خالايمەن.