كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بەس ـ بەستە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ قانداق قىلغاندا «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلالايدۇ؟ مۇخبىرلار بۇ توغرىسىدا زىيارەت قىلدى.

يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتقا يەنىمۇ كۈچەش

كەسىپ ئۆزگەرتىشتە، 15 مىنۇتتىلا تىجارەت كىنىشكىسىنى قولغا ئالغىلى بولىدۇ؛ بىر كىملىك بىلەنلا ئۆي ـ مۈلۈك ئىسپاتىنى ئاپتوماتىك بېجىرگىلى بولىدۇ؛ ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەشنى يېرىم سائەتتىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ... قاراماي شەھىرىدە «ئىش بېجىرىش تېز بولۇش» شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

بۇنداق «تېز بولۇش» قاراماي شەھىرى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتقان رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈم ـ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، يەنە شۇ جاينىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىجۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ئەۋزەللىكلەر سىستېمىلىق رەتلەندى، ساقلانغان كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، «شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان زىددىيەت، مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇلىرى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىمىز، تۈرتكە بولىمىز».

ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بۇ ئىسلاھاتلار رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئېنېرگىيە بايلىقى بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بار.

يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش ـ تەرەققىيات ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. بۇ ئىدارە ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ ئىشلىرى، مۇھىم ئىشلىرى ۋە ئامما، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلىشنى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھات نىشانىنى بېكىتىپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ 2025 ـ يىلىغا بارغاندا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»، ھۆكۈمەت مەشغۇلاتىدا «بىر توردا ھەمكارلىشىش»، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا «بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش»نى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بىر گەۋدىلەشكەن رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىدۇ.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يەنە ئاساسىي قاتلامنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

«بىز ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، دائىرىدىكى ئىسلاھاتنى كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللار بىلەن كۆپرەك تەمىنلەيمىز.» جاڭ شىجۈن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خاتالىقنى سىغدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتچىلار ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىش

پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بانكا، سۇغۇرتا، فوند، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە مىقدارنى ئاشۇرۇش، دائىرىنى كېڭەيتىش، باھانى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك...

يېقىندا «پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە تەدبىر» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە ھاياتىي كۈچى قوشۇلدى.

«بىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى توققۇز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ئىمزالىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىشىپ <بىرقانچە تەدبىر>نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گې تەن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى، كارخانا» ئۇدۇللىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ساھەسىدە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

ئىسلاھات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دىققەتنى ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ يولغا قويىدۇ.

جاڭ شىجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون يەر، ئەمگەك كۈچى، كاپىتال، تېخنىكا، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تۇتقا قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇش، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش ۋە شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، سۇچىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە، مالىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى تۈگىتىش، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىدۇ.

مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئىچكى ـ تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرىدۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا بىلەن بولغان ئېنېرگىيە بايلىقى ھەمكارلىق كۆزنىكىنى پائال بەرپا قىلىدۇ، ئالاتاۋ پورتى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

«<سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نى چۆرىدەپ، بىز يەنە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈر زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، كېڭىشىشكە ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

غەربكە ئېچىۋېتىش باھار شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ خۇايى يۈەنتېڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلىشىپ، ئاساسلىقى زەرەتلىگۈچ سىمى، لەنيالىق تىڭشىغۇچ، تۇرمۇشتىكى كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى. «قۇرۇلۇش قىلىشتىن ئىشچى قوبۇل قىلىشقىچە، ئاقسۇ شەھىرى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، كارخانىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.» شىركەت مەسئۇلى شى شياۋخۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىز قوبۇل قىلغان زاكاز 10 مىليون دوللاردىن ئاشتى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بەس ـ بەستە تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ھاياتىي كۈچىنى يېتىلدۈرۈشنى مول تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار بويىچە مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاۋ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىز دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك بىر تۈركۈم باشلامچى، تايانچ كەسىپ گۇرۇھلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە دۆلەت ئىلكىدىكى زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى قايتا بەرپا قىلىپ، «بىر كەسىپ، بىر كارخانا، بىر كارخانا بىر كەسىپ» يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى دىققەتنى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىزىملاپ ئەنگە ئېلىش، مەمۇرىي ئىجازەت، ئېلان تەكشۈرۈش قاتارلىق يەتتە كەسىپنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىنىڭ ھەممىسىنىڭ توردا بېجىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، 24 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىدە ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دولقۇن ئاۋۇت مۇنداق دېدى: بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە «يېنىكرەك بولسا جازالىماسلىق» تۈر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا دىققەت يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ «شاھمات كۆزى»گە مەركەزلەشتۈرۈلدى. قانداق قىلغاندا «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟

جاڭ شىجۈن مۇنداق دېدى: تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان ئىسلاھات، يۇقىرى سۈپەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىسلاھات، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يەنە كەسىپ تەرەققىياتى سىياسىتى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، مۇھىم ئامىلغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى، خەلق تۇرمۇشىنى يۆلەش سىياسىتى، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىپ، قوللاپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«بىز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئېچىشى، تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىپ، بانكا ئاپپاراتلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، ئامانەت ـ قەرز نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز.» گې تەن مۇنداق بىلدۈردى: يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى، قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى بويىچە يېتەكلەش، تەربىيەلەشنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلار زاپاس بايلىق ئامبىرىغا كىرىشىنى ئالدىن قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ يۇڭفېي، شى شىن، خېي خۇڭۋېي، رېن خۇا)