مۇخبىر ئىز قوغلاش | يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئادەم تۇرمىغان ئۆينىڭ ئىگىسى قانداقسىگە 5682.16 يۈەن سۇ ھەققى قەرز بولۇپ قالدى؟

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن

ئۆي ئىگىسى ئولتۇراق رايوندا يېرىم يىلدىن ئارتۇق تۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا ئولتۇراق رايون خوجىلىق مۇلازىمەت مەركىزى توختىماي تېلېفون قىلىپ، 1174 كۇب مېتىر سۇ ھەققى قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى، 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شياڭياڭ خۇايۇەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ خانىمنى گاڭگىرىتىپ قويدى. 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، ۋاڭ خانىم ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش سۇپىسىغا ئىنكاس قىلىپ، ئولتۇراق رايون خوجىلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۆزىنىڭ قانداقسىگە 1174 كۇب مېتىر سۇ ھەققى قەرز بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

6- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىر ۋاڭ خانىم بىلەن ئالاقىلەشتى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2018- يىلى 5- ئايدا، ئۇ شياڭياڭ خۇايۇەن ئولتۇراق رايونىدىن بىر يۈرۈش نىمكەش ئۆي سېتىۋالغان، كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر نەچچە ئايدا بىر قېتىم خوجىلىق مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ پۇل تاپشۇرۇپ سۇ سېتىۋالغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىمدا 50 كۇب مېتىر سۇ سېتىۋالغان. 2022- يىلى 8- ئايدا، ئۇ باشقا شەھەرگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئولتۇراق رايوندىكى ئۆيى ئىزچىل بىكار تۇرغان بولۇپ، سۇ ئىشلەتمىگەن.

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئولتۇراق رايون خوجىلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ خانىمغا تېلېفون قىلىپ، ئۆنىڭ 1174 كۇب مېتىر سۇ ھەققىگە قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى، تېزدىن تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. «بىزنىڭ ئولتۇراق رايونىمىزدا ئاھالىلەر ئالدىن پۇل تۆلەپ سۇ سېتىۋالىدۇ، پۇل تۈگىسە، سۇ توختاپ قالىدۇ، نېمىشقا تۇيۇقسىز سۇ ھەققى قەرز بولۇپ قالىمەن؟» ۋاڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىر كۇب مېتىر سۇنى 4.84 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، 1174 كۇب مېتىر سۇ ئۈچۈن 5682.16 يۈەننى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن، بۇنى ئۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن.

6- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ چۇاڭشېڭ خوجىلىق مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى شياڭياڭ ئولتۇراق رايونى خوجىلىق مۇلازىمەت مەركىزىگە كەلدى، بۇ مەركەزنىڭ دىرېكتورى گو شىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئولتۇراق رايوندا ھەقىقەتەن ئالدىن پۇل تۆلەپ سۇ سېتىۋېلىش ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، پۇل تۈگىسە، ئاپتوماتىك سۇ توختايدۇ، لېكىن ئولتۇراق رايوندىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىكى سۇ سائىتىدە كاشىلا كۆرۈلدى، بۇزۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، داۋاملىق سۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ۋاڭ خانىمنىڭ 1174 كۇب مېتىر سۇ ھەققى قەرز بولۇپ قېلىشىنى زادى نېمە سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ گو شىنپىڭ ۋاڭ خانىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۇ سائىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن گو شىنپىڭ ئىككى خوجىلىق خىزمەتچىسى ھەمدە ۋاڭ خانىم ھاۋالە قىلغان دوستى چېن خانىم بىلەن ئۆيگە كەلدى، خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۇ سائىتىدە ھەقىقەتەن كاشىلا بارلىقىنى، پۇل تۈگىگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا سۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، سۇ سائىتىدە كۆرسىتىلگەن سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ مەنپىي 1174 كۇب مېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدى.


ۋاڭ خانىمنىڭ ئۆيىدىكى سۇ سائىتىدە سۇ ئىشلىتىپ قەرز بولۇپ قالغان سانلىق مەلۇمات كۆرسىتىلگەن، سۇ سائىتىدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇمات ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغانلىقتىن، ناھايىتى ئاسانلا 117.4- كۇب مېتىرنى 1174- كۇب مېتىر دەپ ئوقۇپ قالغان.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇا دامىن فوتوسى

بۇنىڭغا قارىتا، ۋاڭ خانىمنىڭ دوستى چېن خانىم مۇنداق بىلدۈردى: ئالدى بىلەن خوجىلىق ئىشخانىسىغا بېرىپ سۇ سېتىۋېلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن قارار قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ خانىمنىڭ جەمئىي سېتىۋالغان سۇ مىقدارىنىڭ 1070 كۇب مېتىر، جەمئىي ئىشلەتكەن سۇ مىقدارىنىڭ 1187.4 كۇب مېتىر، ئېشىپ كەتكەن سۇ مىقدارىنىڭ 117.4 كۇب مېتىر بولغانلىقى ئېنىقلانغان.

ئېشىپ كەتكەن سۇ مىقدارى بىلەن سۇ سائىتىدىكى قەرز بولۇپ قالغان سۇ مىقدارىنىڭ پەرقى نېمىشقا شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟ بۇ گۇمانغا قارىتا، گو شىنپىڭ بىلەن چېن خانىم سۇ سائىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، چىراغ نۇرىنىڭ بەك غۇۋا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇ سائىتىدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتنىڭ ئونلۇق كەسىر چېكىتى ئېنىق بولمىغاچقا، خوجىلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەمەلىي قەرز بولۇپ قالغان سۇ مىقدارى 117.4 كۇب مېتىرنى خاتا ھالدا 1174 كۇب مېتىر دەپ چۈشىنىۋالغانلىقىنى ھەم بۇ ئۇچۇرنى ۋاڭ خانىمغا ئۇقتۇرغانلىقىنى بايقىغان. «بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىكى سەۋەنلىك، مەن ۋاڭ خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن.» دېدى گو شىنپىڭ.


6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شياڭياڭ ئولتۇراق رايونى خوجىلىق مۇلازىمەت مەركىزىدە، بۇ مەركەزنىڭ دىرېكتورى گو شىنپىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ۋاڭ خانىمنىڭ سۇ سېتىۋېلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇا دامىن فوتوسى

بۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، كاشىلا كۆرۈلگەن سۇ سائىتىنى ئالماشتۇرۇشقا ئولتۇراق رايون خوجىلىق مۇلازىمەت مەركىزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن.

خىزمىتىدىكى سەۋەنلىك توغرىسىدا، 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، گو شىنپىڭ ۋېيشىندا ۋاڭ خانىمدىن كەچۈرۈم سورىدى ھەم 17.7 كۇب مېتىر سۇ ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى. ۋاڭ خانىم بۇنىڭدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. سۇ سائىتىنى ئالماشتۇرۇش ئىشى توغرىسىدا ھازىر ئىككى تەرەپ كېڭىشىۋاتىدۇ.