تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا يېڭى يول ئاچىمىز

日期:2023年05月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇنداق بىلدۈردى −

تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا يېڭى يول ئاچىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىمىز

«ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىپ كېتىمىز» «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرساقلا، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ»... ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى سىياسىي، سىياسەت، ئادىمىيەت، تەبىئىي شارائىت، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش رايون ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ئەۋزەللىكلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى داۋامىدا يېڭى يول ئېچىشى ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىگە زور ئىلھام بەردى.

«ئومۇمىي يىغىندىكى نىشان ئېنىق، ۋەزىپىلەر كونكرېت بولۇپ، خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىكىم ئېزىز مۇنداق دېدى: «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش پائالىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

قۇتۇبى ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئورنى، قېزىلما بايلىقى، ساياھەت بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. قۇتۇبى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ ياڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دىققەتنى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى، بىڭتۇەن، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن بولغان پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەت قاتنىشىش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ تەرەققىياتى، بازار مۇھىتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللار توپلىنىپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرىمىز.

شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەسلىھەلىك مېۋە - كۆكتات تېرىقچىلىقى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كارخانىسى بولۇپ، خوتەن ناھىيەسىدىكى چۆل - جەزىرىدە 10 مىڭ مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆكتات بازىسى بەرپا قىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا قويۇپ بېرىلگەن سىگنال بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى سۇڭ يىنچياڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىكى يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ھەم تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز جايىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك مېۋە - كۆكتات كەسپىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز

ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار «دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈش» تەلىپى بويىچە ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې يۇڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنى پۇختىلاش، كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى «ياشانغانلار، بالىلار»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بارلىق كۈچىمىز بىلەن ھەممە ئائىلىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدايمىز.

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چۈ ليەندۇڭ مۇنداق دېدى: مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇل كەسىپلەرنىڭ ساقلانما مىقدارىنى ئەلالاشتۇرۇش ئاساسىدا، نۇقتىلىق ھالدا لىتىي ئېلېكتىر كەسىپلەر توپى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە، پەن - تېخنىكا تەركىبى بار، كۆلەم ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولغان زامانىۋى كەسىپلەر توپىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولۇپ، 1 مىليون 650 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار. «بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>غا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكى ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك ناھىيەسى بەرپا قىلىمىز.» ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ناھىيەنىڭ ھاكىمى گۇەن شياۋجۈن كەلگۈسى تەرەققىيات توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشان - ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملايمىز.

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

«بىز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خوۋ مىڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك كۆرگەزمە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا بازارنى ئېچىشقا تۈرتكە بولىمىز؛ دىققەتنى «سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، سەيلە، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت ئالتە چوڭ مۇھىم ئامىلغا ئومۇميۈزلۈك مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كەلتۈرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز؛ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسى بەرپا قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىلىرى ماھارەت مۇسابىقىسى تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت تەدبىرلىرىنى سىجىل ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى يول ئاچىمىز، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمىز، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

«ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يارىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كېۋەز تېرىقچىلىقىنى تېخىمۇ ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش بىزنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشىمىز.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن تاۋ مۇنداق دېدى: بىز زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش مودېلىنىڭ كېۋەزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەقلىد قىلىش ۋە ئاپەتتىن سىگنال بېرىش تېخنىكىسى جەھەتتە قوللىنىلىشىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش جەريانىنى ئېنىق سېزىش، دەل جايىدا كونترول قىلىش قاتارلىق تېخنىكا ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قاندۇرۇپ، پاختا كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز.

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن ئىنتايىن روھلاندىم.» گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى جايتاش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بۇئاتىكەم ھەبىبۇللا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئانارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئانار ئېسىل سورتى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، ما يىنىڭ، گې يوۋجۈن، تويا، خەن چىنيەن، جاڭ جىلى، شيې خۇيبيەن، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ يۇڭ)