سودىگەر چاقىرىش پۈتۈن زەنجىرلىك بولدى، مۇلازىمەت پۈتۈن دەۋرىيلىك بولدى

日期:2023年05月29日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ ۋىلايىتى:

سودىگەر چاقىرىش پۈتۈن زەنجىرلىك بولدى، مۇلازىمەت پۈتۈن دەۋرىيلىك بولدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن

«بۇ جاي ھەم سودىگەر چاقىرىپ كېڭىشىدىغان <مېھمان كۈتۈش زالى>، ھەم كېلىشىم ئىمزالاپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان <مۇلازىمەت پونكىتى>».

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى ئۈستىدە توختالغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ جىخۇي پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ۋىلايەتنىڭ سودىگەر چاقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «بىرىنچى بېكەت» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇلازىمەت مەركىزى ئوبراز كۆرگەزمىسى، سودىگەرلەرنى كۈتۈۋېلىپ كېڭىشىش، تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش، رەسمىيەتلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى.

بۇ جايدا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر يولغا قويۇلغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت «1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

دۇڭفاڭ شىۋاڭ گۇرۇھى، شەنشى خېيماۋ پاي چەكلىك شىركىتى، لۇڭيۈ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى، جۇڭبو توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، يوۋفېڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربون چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىلار ئاقسۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سودىگەر چاقىرىش مۇھىتى تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىپ، بەس - بەستە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈردى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 545نى ئىجرا قىلدى، ئەمەلىيلىشىپ نەقلەشكەن مەبلەغ 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن بولدى، نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 4 - ئورۇندا تۇردى.

سودىگەر چاقىرىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا، بۇ يەرنىڭ زادى قانداق «ئالاھىدە ماھارىتى» بار؟ 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مۇخبىر «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى بىلەن بىللە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىدەك ئالدىراش مەنزىرىنى كۆردى.

ئىلگىرى كەڭ كەتكەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە سودىگەر چاقىرىش ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىمەكچى بولسا، نەچچە كۈن قاتراشقا توغرا كېلەتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە، يەتتە ناھىيە، ئىككى شەھەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى بىر كۈندىلا تولۇق ئىگىلەپ بولغىلى بولىدۇ.

سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ ئوبراز كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، ئەڭ شەرقىي ئۇچىدىكى سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر كۇچا شەھىرىدىن ئەڭ غەربىي ئۇچىدىكى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ناھىيەسى كەلپىن ناھىيەسىگىچە، «دۇنيا توغراق باغچىسى» شايار ناھىيەسىدىن «گۈزەل بوستانلىق، بېلىق، گۈرۈچ ماكانى» ئونسۇ ناھىيەسىگىچە، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، سودىگەر چاقىرىش يۆنىلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى، جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىشقا مەسئۇل خادىملىرى بىرگە بىر كېڭىشىۋاتقان بولۇپ، چۈشەندۈرگۈچى خادىم قىزغىنلىق بىلەن ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

«بىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشىمىز، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سودىگەر چاقىرىشقا دائىر سىياسەتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، مەركەزلەشتۈرۈپ، سودىگەرلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ تېجەشلىك ھالدا مەبلەغ سېلىش تۈرى ۋە ئورنىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن» دېدى ليۇ جىخۇي.

سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى، ھەرقايسى جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەسئۇل رەھبەرلەر، سودىگەر چاقىرىش كەسپىي تايانچلىرىنى مەركەزگە كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتۇردى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سودا، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئېھتىياج بويىچە بۇ يەرگە كېلىپ كېڭىشىپ سۆھبەتلىشىپ، مۇددىئاسى بار سودىگەرلەرنىڭ ئەندىشىسىنى نەق مەيداندا ھەل قىلىپ، تۈر كېڭىشىش كېلىشىمى ئىمزالاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تېز تۈرتكە بولدى؛ تۈر كېلىشىم ئىمزالاش مەخسۇس خادىمى، رەسمىيەتلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىش مەخسۇس خادىمى سودىگەر چاقىرىش بويىچە پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

«پەقەت سىز كېلىپ ئىش قىلماقچى بولسىڭىزلا، رەسمىيەتلەرنى مەن بېجىرىمەن»، بۇ پەقەت بىر جۈملە شوئار ئەمەس. سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇھىم ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى گۇۋاھنامە، كىنىشكىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بولۇپ، شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سالغان تيەنجىنلىك سودىگەر ليۇ يۈنپېڭ تەسىرلەنگەن ھالدا: «تۈر تۇرغۇزۇش، كېلىشىم ئىمزالاشتىن تارتىپ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلىشقىچە، بىز پۈتكۈل جەرياندا پەقەت ئىمزا قويۇشقىلا مەسئۇل بولدۇق» دېدى. سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى سەمىمىي مۇلازىمىتى ئۇنىڭ شۇ جاينىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياقتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشقا قەتئىي ئىرادە باغلىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولدى.

«بىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت <1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش>نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ جان تومۇرى قىلدۇق.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خوۋ مىڭپىڭ مۇنداق تۇنۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى «كارخانىلار ھۆكۈمەتنى ئىزدەش»تىن «ھۆكۈمەت كارخانىلارنى تەكلىپ قىلىش»، «ناھىيە(شەھەر)لەر ئايرىم كېڭىشىش»تىن «مۇلازىمەت مەركىزى بىرتۇتاش كېڭەشتۈرۈش»، «كارخانىلار ئۆزى قاتراپ بېجىرىش»تىن «ھۆكۈمەت پۈتكۈل جەريانلىق ۋاكالىتەن بېجىرىش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنى ئەگرى - توقاي يوللارنى ئاز مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ سەمىمىي قىلدى، كارخانىلارنى تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇردى.

يېڭىلىق يارىتىلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان «مېھمان بىلەن كۆرۈشۈش زالى» + «مۇلازىمەت پونكىتى» ئەندىزىسى شۇ جاينىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشىدا «ھەر كۈنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەر ھەپتىدە ئالغا سىلجىتىش، ھەر ئايدا كېلىشىم ئىمزالاش، ھەر پەسىلدە ئىش باشلاش بولۇش»تەك ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتى. سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، زىيارەتكە كەلگەن كارخانا ھەم مېھمان سودىگەردىن جەمئىي 1709 تۈركۈمدە 6414 كىشى كۈتۈۋېلىندى، يەتتە قېتىم مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، 129 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، سوممىسى 504 مىليارد 775 مىليون يۈەن بولدى.

سودىگەر چاقىرىشتا «جەلپ قىلىپ كېلىش» ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا «مىقدار جەھەتتىكى ئېشىش»نى ئېلىپ كېلىپلا قالماي يەنە، «ياخشى جەلپ قىلىش» ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا «سۈپەت جەھەتتىكى ئۆسۈش»نى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. مۇخبىر مۇلازىمەت مەركىزى زالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا، شۇ جاينىڭ كەسىپ ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ دومىلىما شەكىلدە كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتقان ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن تۈر كۆرسەتكۈچىدە قېنىق يېشىل رەڭ شەكىللەنگەن ياكى ماكانلاشقان كەسىپ زەنجىرى ھالقىسىنى بىلدۈرەتتى، سۇس يېشىل رەڭ تولۇقلاپ سودىگەر چاقىرىدىغان تۈرلەرنى بىلدۈرەتتى.

ليۇ جىخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇلازىمەت مەركىزى «نېمە كەم بولسا شۇنى چاقىرىش، نېمە ئاجىز بولسا شۇنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قارىتا «تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ مەنبەدىن تەكشۈرۈپ»، ئوتتۇرا ئېقىنىغا قارىتا «پەينى چىڭىتىپ، ئۇستىخاننى ساغلاملاشتۇرۇپ»، تۆۋەن ئېقىنغا قارىتا «ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ»، كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈشكە تۈرتكە بولالايدىغان ۋە كەسىپلەرنىڭ باغلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلەيدىغان چوڭ تۈر، ياخشى تۈرلەرنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈزۈك نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇردى.

شىنجاڭ مەنخۇا تۇرۇبا ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى − ئاقسۇ شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى چوڭ سانلىق مەلۇماتتىكى سېلىشتۇرۇشقا ئاساسەن، شۇ جايدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىگە باغلىنىشلىق تۈرلەردە ساقلىنىۋاتقان ئاجىز تۈرلەرنى تاپقاندىن كېيىن سودىگەر چاقىرىپ كىرگۈزگەن كارخانا ھېسابلىنىدۇ. «بىز ئاقسۇ شەھىرى غەربىي سانائەت رايونىدا PE تۇرۇبا ماتېرىياللىرى ۋە يۈرۈشلۈك تۇرۇبا دېتاللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىماقچى، مەھسۇلاتلىرىمىز ئاساسلىقى شەھەر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈش ۋە نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈشتە ئىشلىتىلىپ، شۇ جاينىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ليۇ يۈنپېڭ.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتى سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئاقىل كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش چوڭ مېڭە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋېتىپتۇ. بۇ سىستېما پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ دىققەتنى كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ جاينىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدىكەن.