2023 - يىللىق شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年05月29日
来源:天山网
【字体:

كۈي سۆيەرلەر جەم بولدى

2023 - يىللىق شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى

5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ناخشىچى جاڭ جېنيۆ مۇزىكا بايرىمى نەق مەيدانىدا نومۇر ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان 2023 - يىللىق شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى خېماچۇەن يېڭى رايونىدا باشلاندى، جاڭ جېنيۆ، گو سەيجيې، مۇما مۇزىكا ئەترىتى قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلار ۋە مۇزىكا ئەترەتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاماشىبىنلارغا ئېسىل نومۇرلارنى تەقدىم قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى لىخەۋەر قىلىدۇ: «ياخشىمۇسىلەر، نەق مەيداندىكى دوستلار!» 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان 2023 - يىللىق شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى باشلاندى، مۇزىكىنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى خېماچۇەن يېڭى رايونىدا جەم بولدى. بۇ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمىنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى ساۋمېي سەھنىسى، مۇھەببەت سەھنىسىدىن ئىبارەت ئىككى نومۇر ئورۇنلاش رايونىغا ئايرىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گو سەيجيې Nomad City&، ئافولوۋ، داۋېنشى، مۇما مۇزىكا ئەترىتى، ۋەن شياۋلى، جاڭ جېنيۆ، ۋاڭ يىتەي، ۋەننېڭ ياشلار مېھمانخانىسى قاتارلىق سەنئەتكارلار ۋە مۇزىكا ئەترەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنلىدى.

«قاتتىق يامغۇر يۇيۇپ ئۆتكەن كوچىلار ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى جىمجىت كۈتمەكتە ئىدى...» ھورمۇن خانقىز مۇزىكا ئەترىتى ئېيتقان «شىشى يولىنى سەيلە قىلىش»نىڭ رىتىمى ئىنتايىن شوخ بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ بەزىلىرى مۇزىكا رىتىمىغا جور بولۇپ بەدىنىنى تولغىسا، بەزىلىرى قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى. «شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىپ بەك خۇشال بولدۇم، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ باش ناخشىچىسى جۇ مېڭديې.

مۇزىكا بايرىمى نەق مەيدانىدا مۇزىكا ساداسى ئۈزۈلمىدى، تاماشىبىنلار ئاشىق - مەشۇقلار، دوستلار، ساۋاقداشلار، ئائىلە ئەزالىرى قاتارلىق ھەر خىل بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بەزىلىرى سەھنە ئالدىدا ئەستايىدىل ئاڭلىدى، بەزىلىرى مۇزىكا بايرىمى خاتىرە بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى، بەزىلىرى خۇاتيەن كېچىلىك بازىرىنى ئايلاندى، بەزىلىرى يەردە ئولتۇرۇپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا مەيىن شامالدىن ھوزۇرلىنىپ سەپداشلىرى بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملار، ئىچىملىكلەرگە ئېغىز تەگدى.

«كەيپىيات ناھايىتى ياخشى بولدى، خەلق ناخشىلىرى ناھايىتى يېقىملىق ئىكەن، كىشىلەر توپى ئارىسىدا مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، تۈن پەردىسىنىڭ يېپىلىشىنى كۆردۇق، سەھنىدىكى سەنئەتكارلار، ئەتراپىمىزدىكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئوخشاش بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتقاندىكى ھېسسىيات ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن» دېدى تاماشىبىن لىن مىن.

ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان مۇزىكا بايرىمى داڭلىق ماركىسى، بۈگۈنگە قەدەر جەمئىي 120 مەيداندىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق 35 شەھەر(رايون)نى قاپلىغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 5600 گۇرۇپپىدىن ئارتۇق سەنئەتكار سەھنىدە نومۇر ئورۇنلىغان، بىۋاسىتە قاتناشقان تاماشىبىنلار 6 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار تېمىلارنىڭ ئوقۇلۇش مىقدارى 4 مىلياردتىن ئاشقان.

2023 - يىللىق ساۋمېي مۇزىكا بايرىمىنىڭ يىللىق باش تېمىسى − Still، «بۇ سۆزنىڭ يەنە، داۋاملىق دېگەن مەنىلىرى بار. تەسىس قىلىنغىنىغا 15 يىل بولغان ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى يەنىلا ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولغان بولۇپ، ئەسلىي مەقسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇۋاتقان ھەربىر كىشىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز» دېدى بېيجىڭ مودېڭ تيەنكۇڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى شېن يۆ.

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى ساۋمېي مۇزىكا بايرىمىدا، فاگۇاڭ چۈشيەن، بيەنيۈەن، ICE ياڭ چاڭچىڭ، چېن لى، تۇڭياڭ، ئاسى، ماسەيكې قاتارلىق سەنئەتكارلار سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتتى.