شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدا پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى

日期:2023年05月29日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭ 6 - ئايلىق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىنى تەشكىللەپ تاماملىغان، بۇ قېتىم پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى تەخمىنەن 33 مىليون 536 مىڭ كىلوۋات سائەت بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى %16 ئېشىپ، يەككە ئايلىق سودا كۆلىمىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈشۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارى جەمئىي 105 مىليون 700 مىڭ كىلوۋات سائەت بولۇپ، 100 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن.

يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى نىشان قىلغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بازار سۇبيېكتىنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سودا شەكلى ئارقىلىق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كىنىشكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يېشىل كىنىشكا دېيىلىدۇ) بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. يېشىل كىنىشكا كارخانىلارنى ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىشقا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

2022 - يىلى 8 - ئايدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى تۇنجى قېتىم «كىنىشكا بىلەن توكنى بىرلەشتۈرۈش» سودا ئەندىزىسى ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچىدە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسىنى ئاي بويىچە تەشكىللەپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ مۇھىت قىممىتىنى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىغا سىڭدۈردى. 2023 - يىلى 3 - ئايدا، بۇ شىركەت تۇنجى قېتىم يىللىق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسىنى تەشكىللەپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمال كارخانىلىرىنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم تەمىنلىنىش جەھەتتىكى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى جەمئىي 11 تۈركۈم قېتىم سودا تەشكىللەپ، جەمئىي 16 يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمال كارخانىسىغا يېشىل ھوقۇق - مەنپەئەت قىممىتى يارىتىپ بەردى، 18 تەكسە باھالىق يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېشىل تىپقا ئۆزگىرىشىگە «قوش يۆنىلىش»تە تۈرتكە بولدى.

3 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئايلىق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا كۆلىمىدە كەينى - كەينىدىن يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.