جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاش كېرەك

日期:2023年05月29日
来源:天山网
【字体:

قادېن كەبىن شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىليۇ شياڭ،ئىختىيارىي مۇخبىرلوۋ لىنيىخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنىگە كېلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشۇپ، تەڭداشسىز گۈزەل ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى» باش تېمىسىدا ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

قادېن كەبىن دەرس سۆزلىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن تارىخىي پۇرسىتىنى بايان قىلدى، نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا جانلىق چۈشەنچە بەردى.

قادېن كەبىن مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا. كەڭ ياشلارنىڭ سىياسىي ساپانى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەتكە ماسلىشىپ، جەمئىيەتكە سىڭىشىپ، جەمئىيەتتە يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، تىرىشىپ ياراملىق، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە ياشلىق سالاپىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.