تىيانشان ئېتىكىدە «ئارزۇدىكىدەك تۇرمۇش» يارىتىش

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

سەنشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە:

تىيانشان ئېتىكىدە «ئارزۇدىكىدەك تۇرمۇش» يارىتىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي

سەھنىدە، باس ئىسكىرىپكا چالغۇچىنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىكى تارىدىن لەرزان مېلودىيە ياڭراپ، خۇددى سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتاتتى ھەم تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋاتاتتى؛

پەستە، قازاق قىزچاق پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى، ئۇ ئىختىيارسىز سەھنىگە يېقىنلىشىپ، چالغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇزىكا خۇددى سىرلىق ئۇرۇققا ئوخشاش ئۇنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرمەكتە ئىدى...

بۇ، سەنشىنىڭ شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش «جەسۇر قوشۇنى» ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئويۇن قويغاندىكى كۆرۈنۈش، سەنشى ئۆلكىلىك سىمفونىيە ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ئارتىسى گو يۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئېجىللىقىنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىمدىن ھېس قىلدىم».

2020 ـ يىلى، سەنشىنىڭ 4 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى»نى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، «سەنشى ـ شىنجاڭ مۇھەببىتى»نى داۋاملىق پۈتتى. ھەيۋەتلىك تەيخاڭشەن تېغىدىن تىيانشان تېغى ئېتىكىگىچە، 5000 چاقىرىملىق يولنى ھالقىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ 4 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى «مەدەنىيەت يەتكۈزۈش»تىن «مەدەنىيەت يېتىشتۈرۈش»كىچە بولغان بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، سەنشى مەدەنىيىتى بىلەن چېگرا رايون مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئەڭ گۈزەل «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزىپ چىقتى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاش

خۇش پۇراققا تولغان 5 ـ ئايدا، فۇكاڭ شەھەرلىك مۇزېيغا كىرگەندە، ساپال بۇيۇملار، فارفور بۇيۇملار، تۆمۈر بۇيۇملار، كەشتە، ياغاچ ئويما... سەنشىنىڭ خەلق ئىچىدە يىغىپ ساقلانغان 600دىن ئارتۇق قىممەتلىك بۇيۇمى جىنفۇ خەلق ئىچى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمە سارىيىغا تىزىلغانىدى.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇ بۇيۇملار سەنشىدىكى خەلق ئىچى يىغىپ ساقلىغۇچىلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە دەۋر ئىزنالىرى قويۇق، تارىخىي سۈرەت، مەنزىرە مودېللىرى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، سەنشى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ خاس جەلپكارلىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغانىدى.

جىنفۇ خەلق ئىچى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى سەنشىنىڭ شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئىجادىي تەدبىرى.

«كۆرگەزمە باشلانغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، نۆۋەتتە جەمئىي 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچى كۈتۈۋېلىندى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەنشى، شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرىدىغان سەھنىگە ئايلاندى» دېدى فۇكاڭ شەھەرلىك مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى گاۋ شياۋلىڭ.

سەنشى ئۆلكىسى «ئوزۇقلاندۇرۇش» سۆزىنى چىڭ كۆزلەپ، سەنشى بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.

ھەر قېتىملىق ئويۇن قويۇشتا، سەنشىنىڭ شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش «جەسۇر قوشۇنى» ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ سەنئەتكارلىرى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا بىللە بولۇپ، سەھنىدە بىللە ئويۇن قويۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەم شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇردى، ھەم ئىككى جاي كىشىلىرى ئارىسىدىكى ھېسسىيات جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئۈچ يىل ئىچىدە، سەنئەتكارلار ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى شۆبە ئەترىتى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك تىياتىر نومۇرلىرى ۋە يىپلىق ياغاچ قونچاق، جياڭجوۋ دۇمباق مۇزىكىسى، سۇناي، خېمىر ھەيكەل قاتارلىق «سەنشىنىڭ قالتىس ماھارىتى»نى يېزا ـ كەنت، مەھەللە، ليەندۈيلەرگە يەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش، سىجىل كۈچەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش. سەنشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى «ئون چوڭ ھەرىكەت» ۋە «بەش 100» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، 100 سەنئەتكار شىنجاڭغا كېلىپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ، 100 قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى شىنجاڭدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىپ، 100 پارچە (بۆلۈم) ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسىرى ئاساسىي قاتلامدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى 100 پارچە خەۋەر مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، 100 پارچە خەتتاتلىق ـ رەسساملىق ئەسىرى شىنجاڭدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىپ، خۇددى ئېقىن سۇدەك شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، سەنشى بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىش

4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، بىڭتۇەن ئەدەبىيات ـ سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى قۇرۇلۇشى بويىچە يۆلەش تۈرى − «بېيتاشەن» ناملىق دىراما شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئورۇنلاندى، نەق مەيداندا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى.

چوڭقۇر ھېسسىياتلىق ئويۇن، تەسىرلىك ھېكايە ۋەقەلىكى ئىككى ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ چېگرا رايوننى چىڭ ساقلاپ، ھاياتى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى قوغداشتەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«تىياتىردىكى ھېكايە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز.» تاماشىبىنلار ئارىسىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 ـ شى بېيتاشەن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى پەخرىدىن نۇرمان ھاياجانلىق ياشلىرىنى تۆكتى.

«بېيتاشەن» ناملىق دىرامىنى بىڭتۇەن 6 ـ شى ۋۇجياچۈ شەھىرى سەنشى ئۆلكىلىك دىراما ئۆمىكى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، «بىڭتۇەن ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ تېمىسىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت كۆرىكى» بويىچە مۇنەۋۋەر نومۇر مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، 2022 ـ يىللىق بىڭتۇەن ئەدەبىيات ـ سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى قۇرۇلۇشى بويىچە يۆلەش تۈرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىندى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا بىر تۈركۈم «سەنشىنىڭ جەلپكارلىقى، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى»غا ئىگە مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سەنشىنىڭ شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش داڭلىق ماركىسىنى سىجىل جۇلالاندۇردى.

«باش كۈز» «ئاددىي كىيىنگەن يۈ چېڭلۇڭ» «رىشېڭچاڭ چەكخانىسى» قاتارلىق نادىر نومۇرلار شىنجاڭدا ئالقىشلاندى. ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاي تېمىسىدا ئىجاد قىلىنغان «بېيتاشەن» «يىلتىز تارتىش» «جىگدە دەرىخى» «ھاياتلىق گوياكى ناخشىدۇر» ناملىق دىرامىلار سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنى تونۇشىدىكى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىش. سەنشى ئۆلكىسى ئىچكى جەھەتتە كىرگۈزۈش، تاشقى جەھەتتە بىرلىشىش، تور ۋە تور سىرتىدا بولۇش، مەخسۇس بىلەن قوشۇمچىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەدەنىيەت كەسپى بويىچە تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاي ئۈچۈن مەدەنىيەت ـ ساياھەت، رادىيو ـ تېلېۋىزىيە، خەتتاتلىق ـ رەسساملىق، ئەدەبىيات ـ سەنئەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلار بويىچە 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىختىساسلىقنى تەربىيەلەپ بېرىپ، ئېلىپ كەتمەيدىغان مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈردى.

«مەدەنىيەت يەتكۈزۈش» بىلەن «مەدەنىيەت يېتىشتۈرۈش» تەڭ قانات يايدۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 140 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مەدەنىيەت سورۇنىدىن 73 مىڭ كىۋادرات مېتىرنى يېڭىدىن سالدى؛ فۇكاڭ شەھىرىنىڭ كۇتۇپخانا ئەقلىي ئىقتىدارلىق مىكرو ئاپتوماتىك سۇپىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، 2096 خىلدىكى 5000 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت ـ ئەسەرنى يېڭىلىدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت بەرپا قىلىش، ناخشا ـ قوشاققا جور بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش

شىۋاڭمۇ قولىدا چوڭ شاپتۇلنى تۇتۇپ سەبىي ۋە يېقىملىق تۈستە نامايان بولدى، بۆكەن قىستۇرما رەسىم قىلىنغان مائۇس تەگلىكى ئۈستەل يۈزىنى «بىر ئالدى»، ئادەتتە كۆتۈرۈۋالىدىغان كاناپ سومكا نەپىس، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان ئىدى... نۇرغۇن ساياھەتچى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەم ئوماق، ھەم مودا بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى. كىچىكى توڭلاتقۇ چاپلىقى، مائۇس تەگلىكىدىن چوڭى قونچاق، كالتە يەڭ مايكىغىچە، مەيلى زىننەت بۇيۇملىرى ياكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن ھەممىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

2018 ـ يىلى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش فۇكاڭ شەھەرلىك شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى سەنشىنىڭ كەسپىي ساياھەت مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئاقىللار كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، فۇكاڭ شىۋاڭمۇ مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، قونالغۇ، يۈرۈش ـ تۇرۇش، ئوبرازدىن ئىبارەت بەش تۈردىكى 80 خىلدىن ئارتۇق «بوغدا كۆلىنى سۆيۈش، مۇھەببەت فۇكاڭدا» يۈرۈشلۈك ساياھەت مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ئېچىپ، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ساياھەت مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى.

«مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت بىر ـ بىرىگە تايىنپ ئورتاق گۈللىنىدۇ، بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ساياھەتچىلىككە سىڭىشىش جەريانى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى ماركېتىڭ ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول» دېدى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئالماشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى نىڭ جىيۈ.

مەدەنىيەت تۇتاشتۇرۇلسا، كۆڭۈللەر يېقىن بولىدۇ.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىككى جاي 32 نۆۋەت «سەنشى ـ شىنجاڭ مۇھەببىتى . سەنشى ـ شىنجاڭ سەپىرى» خۇاڭخې ناملىق مەخسۇس پويىزنى قاتنىتىپ، 20 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىپ، سەنشىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆرپ ـ ئادىتىدىن زوقلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشىنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى سەنشىدە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالتە مەيدان «سەنشى ـ شىنجاڭ مۇھەببىتى . سەنشى ـ سانجى سەپىرى» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ساياھەت كارخانىلىرىنى ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىككى جاي مەدەنىيەت ـ ساياھىتىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگراسىدا، سەنشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە سىجىل تۈردە مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، سەنشى، شىنجاڭ ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، سەنشىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقانلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ چوڭقۇر ھېسسىيات ئىككى جايدىكى ئامما قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

توختىماي ياڭراۋاتقان ناخشىغا ئوخشاش «ئارزۇدىكىدەك تۇرمۇش» سەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئۈزۈلمەس مېلودىيە ياڭراتماقتا.