شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان 1.6 توننا كىيىم ـ كېچەك بېسىلغان CZ6029 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتكە قاراپ ئۇچتى. بۇ، شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللارنىڭ تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىشى.

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن مۇھىم ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلدى، «سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش» بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللارنىڭ تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىشى دەل بۇ تۈر نەتىجىسىنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى.

ئېكسپورت قىلىنغان بۇ تۈركۈم ماللار ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ بازار 2022 ـ يىلى 9 ـ ئايدا مەملىكەت بويىچە 6 ـ تۈركۈمدىكى بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بازار بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدە مال ئېكسپورت قىلىشتا تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ خىل خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدە ئېكسپورت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، خەلقئارا سودىگەرلەرنىڭ پەرقلىق ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرماقتا.

«بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى خەلقئارا سودا ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرگە خەلقئارادىكى سېتىۋالغۇچىلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ بەردى.» شىنجاڭ چېگرا رايون مېھمانخانىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جۇ جىۋېي مۇنداق دېدى: بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى شەكلىدە، تاۋارلارنى بىرلەشتۈرۈپ مەلۇم قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تەرتىپى زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.

نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئوڭۇشلۇق توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايروپورت، تاموژنا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق كۆپ تارماقلار، كارخانىلار كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، دائىملاشقان توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى خۇ جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش لايىھەسى تۈزۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، بۇ تۈركۈمدىكى ماللارنىڭ چېگرادىن تېز، ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار ئاساسلىقى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توشۇلىدۇ.

ئۈرۈمچى ـ سانجى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 24 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئۈرۈمچىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۈرۈمچى تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

ئۈرۈمچى ـ سانجى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لۈ شۆنۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان بىر قاتار ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى ـ سانجى تاموژنىسى بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بىلەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى سىياسىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىككى خىل سودا شەكلىنى يۇغۇرۇپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچ قوشىدۇ.