يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى يول ئېچىش

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

باش يازدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغىدى، ھەممە جايدا تەرەققىيات، قۇرۇلۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلگەن ۋە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى.

يىغىندا جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلەش، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ؛ ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولماستىن، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ؛ ۋاقىتلىق، بىر ئىشقىلا قويۇلغان تەلەپ بولماستىن، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرىدىغان تەلەپ».

«ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى يول ئېچىش ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك»...

«يىغىندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېما چىڭ كۆزلەنگەن بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، پىلانلاش چوڭقۇر، تەدبىرلەر ئەمەلىي بولدى، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ!» نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى چەي لىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەر قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراق كەلگۈسى كۆزلەندى، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، پۇرسەت چىڭ تۇتۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ، 5 ـ، 6 ـ، 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قايتا ـ قايتا دەلىللەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى.

مۇشۇ ئاساستا، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى(2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىرى»نى شەكىللەندۈردى. يىغىندا «ھەرىكەت لايىھەسى» قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەر ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلاردا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى تولۇق نامايان قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى نامايان قىلىندى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئىشەنچنى چىڭىتىش

ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىپ كېتىمىز، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا سىياسىي، سىياسەت، ئادىمىيەت، تەبىئىي شارائىت قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ئەۋزەللىكلەر رەتلەپ چىقىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەر ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىندى.

«ئۆگىنىش، مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەللىكلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەرگە بولغان تونۇشىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، شۇنداقلا تەرەققىياتنى كۆزلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.» گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى يىغىن مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش ـ تەرەققىيات ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى چاڭشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ھەرىكەت لايىھەسى»دە ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىكى نۇقتىلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىندى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە.

«پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا تولۇقلاشنى تېزلىتىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرى بويىچە، تىرىشىپ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بەرپا قىلىش، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز.

ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش... يىغىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سىياسەت ـ تەدبىرلەر» كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى جەھەتتىن يۆلەش سالمىقى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش... سىياسەتنىڭ بۆسۈش خاراكتېرى زور، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى، غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى!» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن.

«بۇ سىياسەتلەر شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.» قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: بىز مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

بىر يېرىم كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە، كۈنتەرتىپ ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. كۆپچىلىك ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە قاراپ چىقىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تەسىراتىنى سۆزلەپ، تەكلىپ بەردى، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

جان تىكىپ ئېلىشىپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش

5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى...

يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى!

«ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە بىز باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىكىم ئېزىز مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز پىششىقلاش قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەر، ئاليومىننى ئاساس قىلغان كەسىپلەر قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك دۆلەت دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسى، كەسىپ تەرەققىيات سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىستېمالنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى شىرئەلى ۋەلى مۇنداق بىلدۈردى: بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى يول ئاچقۇچى ياخشى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايمىز.

جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى فۇ دېمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش ـ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كوردىناتى تېخىمۇ پۇختا بولدى. كۆپچىلىكنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ئىشلەش غەيرىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.