«ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

مۇھەررىردىن

بۇ يىل 3 - ئايدا، دۆلەت بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىغان يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۆلچەم تۇرغۇزۇش، تۈزۈم ئورنىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەندى.

بىر قاچا ئۇماچتىن ئىبارەت بىر قاچا تاماقنىڭمۇ تەستە قولغا كېلىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. ئاشلىقنى تېجەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. بۈگۈندىن باشلاپ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «تاماق ئۈستىلىدىكى تېجەشلىك بولۇش يېڭى كەيپىياتى» يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشتىكى ياخشى ئۇسۇللىرى، تىپىك مىساللىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى مەدەنىي، تېجەشلىك بولۇش يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن

يېمەك - ئىچمەك ساھەسىنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تىجارەت ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، «ئۈرۈمچى يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت ئۆلچىمى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت ئۆلچىمى» دېيىلىدۇ)نىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. «ھەرىكەت ئۆلچىمى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرى مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەسىنى تاماق تىزىملىكى لايىھەسىگە كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاشتا خام ماتېرىيالدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تاماق لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشتا تايىنىدىغان «ئۆلچەم» بار بولدى، ئىجرا قىلىنىشى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ مۇخبىر بۇ توغرىلىق زىيارەت قىلدى.

5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 19 ئەتراپىدا، گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى چېن شېڭلۇ ئەر - خوتۇن ئۈرۈمچى ھەردەمباغ يېمەك - ئىچمەك مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىگە كەلدى، مۇلازىمەتچى بىر يېڭى تاماق تىزىملىكىنى سۇنۇپ ئىككىيلەننى كۈتۈۋالدى: «نېمە يېگۈڭلار بار، ئاۋۋال كۆرۈپ بېقىڭلار، ئالدىنقى بىرنەچچە بەتتە تەۋسىيە قىلىنغان تاماقلار بار، مۇشۇ جايدىكى كىشىلەرمۇ دائىم بۇيرۇتىدۇ».

يېقىندا ئالماشتۇرۇلغان بۇ يېڭى تاماق تىزىملىكى ھەردەمباغ يېمەك - ئىچمەك مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشتىكى ئۆزگىچە تەپەككۇرى. «ھەر يىلى ساياھەت پەسلىدە تۈركۈملەپ ساياھەتچى كېلىدۇ، بىز ھەربىر تاماقنىڭ بۇيرۇتۇلۇش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، تاماق تىزىملىكىنى قايتىدىن تۈزۈپ، بۇيرۇتۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى تاماقلارنى ئەڭ ئالدىغا قويۇپ، خېرىدارلارنى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان تاماقلارنى دەل يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەمىنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىسراپچىلىق كېلىپ چىقىشتىن ساقلاندۇق» دېدى ئۈرۈمچى ھەردەمباغ يېمەك - ئىچمەك مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىنىڭ دۇكان باشلىقى ئابابەكرى ئابلىكىم.

5 - ئايدىن باشلاپ دۇكان باشلىقى بولغان ئابابەكرىگە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى دېگەن يەنە بىر يېڭى سالاھىيەت قوشۇلدى، ھەر كۈنى تاماقخانىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇ ئىسراپچىلىقنى بايقاش ھەم توسۇشتىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. چېن شېڭلۇ ئەر - خوتۇننىڭ تاماق تىزىملىكىنى ۋاراقلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئابابەكرى ئۈستەلنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىككىيلەننىڭ قانداق تەمدىكى تاماقنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندىن كېيىن ئۇلارغا بىر گۆشلۈك، بىر گۆشسىز ئىككى خىل قورۇمىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلدى. «ئاساسلىق تاماقلاردىن لەڭمەن بىلەن پولۇ چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلىدۇ، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرسەڭلار، بىزدە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە چايلىرى، ئىچىملىكلىرى بار.» ئابابەكرى تونۇشتۇرغاچ قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا مەززىلىك تائاملار بەك كۆپ، بىر ۋاق تاماق يەپلا پۇخادىن چىققىلى بولمايدۇ، بىرنەچچە كۈن ئارتۇق تۇرۇپ، ئالدىرىماي تېتىپ كۆرۈڭلار».

«ناھايىتى ياخشى ئىكەن، بىزنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىمىز، تەۋسىيە قىلساڭلار خاتا بۇيرۇتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىكەنمىز، بەك كۆپ بۇيرۇتۇۋېلىپ يەپ بولالماسلىقتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.» چېن شېڭلۇ تاماق تىزىملىكىنى يېپىپ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە ئاران بىر كەلگەندە، بىرنەچچە خىل قورۇمىنى كۆپرەك بۇيرۇتۇپ تېتىپ بېقىشنى ئويلىغانىدۇق، ئەمدى بۇ ئويۇمىزدىن ياندۇق، ياخشى يېيىشىمىز ھەم مەدەنىي يېيىشىمىز كېرەك ئىكەن.

ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئابابەكرىنىڭ نازارەت قىلىش دائىرىسى پەقەت ئالدى زاللا بولماستىن، بەلكى يېمەكلىك سېتىۋېلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ساقلاشتىن تارتىپ پىششىقلاپ تەييارلاشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«تاماق تىزىملىكىنى يېڭىلاش بىلەن بىللە، بىز بارلىق تاماقلارنى ئۆلچەملەشتۈردۇق ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، ھەربىر تاماقنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە ماتېرىيالى ھەمدە تېتىتقۇلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇقىم بولغان گىرام ئېغىرلىقى ھەم تەڭشەش نىسبىتى بار، پىششىقلاش، كۆكتاتلارنى تەييارلاش جەريانىدا، جەزمەن ئۆلچەم بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تاماق تەييارلاش ھالقىسىدا ئىككىلەمچى ئىسراپچىلىقنىڭ كېلىپ چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ئابابەكرى.

شياۋخې مەلىكە مەخپىي رېتسېپلىق قوي پاچىقى كاۋاپخانىسى (كوئېنلۇن يولى دۇكىنى)دا، باش ئاشپەز جاۋ تېڭ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ دۇكاننىڭ كېيىنكى ھەپتىلىك مال كىرگۈزۈش پىلانىنى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرمەكتە ئىدى. «شۇ كۈنلۈك ئېھتىياجغا ئاساسەن شۇ كۈنى مال كىرگۈزىمىز، يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ھەم يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەم سېتىۋېلىش جەريانىدىكى ئىسراپچىلىقنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.» جاۋ تېڭ مۇنداق دېدى: شياۋخې مەلىكە مەخپىي رېتسېپلىق قوي پاچىقى كاۋىپى دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايلىق ھېسابات جەدۋىلى بار بولۇپ، ھەرقايسى دۇكانلاردا خالىغانچە مالنى زاپاس ساقلاشتەك يوشۇرۇن ئىسراپچىلىق ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى رەقەم ئارقىلىق بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ.

ھەممە نەرسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جاۋ تېڭنىڭ كۈندىلىك كۆزىتىشتە يەكۈنلەپ چىققان ئىسراپچىلىقنى توسۇشتىكى ئەپچىل چارىسى.

«زەنجىۋىلنى ئېلىپ ئېيتساق، قورۇما قورۇش جەريانىدا، قورۇمىلارنى كۆركەم چىقىرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن زەنجىۋىلنى بىرقەدەر تەكشى توغرىشىمىزغا توغرا كەلگەچكە، نۇرغۇن قالدۇق چىقىدۇ، ئۇنى بىكاردىن بىكار تاشلىۋەتسەك بەكمۇ ئىسراپچىلىق بولىدۇ، كېيىن بىز بۇ قالدۇق زەنجىۋىل پارچىلىرىنى شورپىغا سېلىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق، پىياز، سامساق قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆكتاتلارنى ئىشلەتكەندە، تاماقلارنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆستۈردۇق» دېدى جاۋ تېڭ.

شىنجاڭ تائاملىرىنى ئاساس قىلغان تاماقخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەخپىي رېتسېپلىق قوي پاچىقى كاۋىپى تاماقخانىدىكى بۇيرۇتۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان داڭلىق تاماق ھېسابلىنىدۇ، ئەمما پۈتۈن بىر قويغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقا قىسىملىرىدىكى گۆشنىڭ ئوبوروت نىسبىتىنى قانداق قىلغاندا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ جاۋ تېڭ ۋە ئاشپەزلەر خېرىدارلارنىڭ قانداق تەمنى ياقتۇرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭى تاماق تۈرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، قوي ئومۇرتقا كاۋىپى، ئەسلىي تەم قوي قوۋۇرغىسى قاتارلىق تاماقلارنى چىقىرىپ، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بازارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئاشخانىدا ئاساسەن يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بېسىلىپ قېلىش ۋە ئىسراپ بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.

«بىزنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تەربىيەلەنگەن، تاماق يەيدىغان ئادەمنىڭ سانىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ بېرىمىز. ئەگەر بىر ئۈستەلدە مېھمانلار تولۇق كېلەلمەي قېلىپ، تاماق كۆپ بۇيرۇتۇلغان ئەھۋال كۆرۈلسە، مۇلازىمەتچى جەزمەن تەلەپ بويىچە بىرىنچى ۋاقىتتا ئارقا ئاشخانا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېخى تەييارلانمىغان تاماقلارنى بىردەك قايتۇرۇۋېتىدۇ، تەييارلىنىپ بولغان تاماقلارنىڭ كونكرېت چىقىش ۋاقتىنى مېھمانلارغا ئېيتىدۇ. مېھمانلارغا تاماقخانىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن يېمەكلىكلەرنى ئوراپ قاچىلىۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ.» جاۋ تېڭ مۇنداق دېدى: يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاۋامغا كارخانىنىڭ ئاقىلانە ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتەك جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.