​فۇجيەن قۇربىنىڭ يېتىشىچە گۈزەل سانجى بەرپا قىلدى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە:​

فۇجيەن قۇربىنىڭ يېتىشىچە گۈزەل سانجى بەرپا قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ چيەن

ئىللىق 5 - ئايدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تۇپرىقىغا قەدەم باسقىنىڭىزدا، مەيلى چەت - ياقىدىكى كىچىك كەنت، بازارلاردا بولسۇن ياكى ئاۋاتلىققا تولغان شەھەر كوچا رايونلىرىدا بولسۇن، فۇجيەن ئىزنالىرى بېسىلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

سانجى ئوبلاستىنىڭ بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ خەلقنى بېيىتىشتىن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە سىجىل تۈردە شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش

تەرەققىيات يېڭى موتورىنى قوزغىتىش

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، گۇچۇڭ ئۇنى لىق قاچىلانغان بىرنەچچە يۈك ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىنلياڭ خۇامەي ئۇن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدىن يولغا چىقىپ، لەنجوۋ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

گۇچۇڭ ناھىيەسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسى بولۇپ، ھەر يىلى 1 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي تېرىيدۇ. گۇچۇڭ ئۇنىنىڭ «بۇلۇت تېرمىنالى» ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە خۇش پۇراق تارقىتىشى فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوللىشىدىن بولغان.

فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش فۇجوۋ شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى گۇچۇڭنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 مىليون يۈەندىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، «گۇچۇڭ سوۋغىسى» «گۇچۇڭ ئۇنى» ئاممىۋى رايون داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، شىنلياڭ خۇامەي قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىئەن، ئۈرۈمچى بۇلۇت ئامبىرى تەسىس قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، گۇچۇڭ ناھىيەسى ھەم سانجى ئوبلاستىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى «سانجى ئېھتىياجى» «فۇجيەن قۇربىتى» ھەمدە فۇجيەن بىلەن سانجى ئىككى جاينىڭ بازار ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سۇپا قۇرۇش، يولنى راۋانلاشتۇرۇش، سىرتقا سېتىشنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلدى. مۇكاپات، تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە سانجى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى»دىن 60نى قۇرۇشقا مەدەت بەردى، سانجىنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتىدىن 180 خىلى سېتىلىپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەنگە يەتتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى ناھىيە، شەھەرلەردە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بەرپا قىلىش، تور رىياسەتچىسى تەربىيەلەشكە كۈچ قوشۇپ، شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتلارنى توردا سېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش سوممىسىنىڭ ھەر يىلى 600 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، فۇجيەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پىلان ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 231نى يولغا قويۇپ، پىلان ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %90ىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سالدى.

فۇجيەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپلەردە چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈش، كۈچلۈك كارخانىلارنى جەلپ قىلىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە - يىغىن سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش، نىشانلىق سودىگەر چاقىرىش، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، بىرلىشىپ سودىگەر چاقىرىش، توردا سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ياخشى تۈر، چوڭ تۈرلەرنىڭ سانجىغا ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2020 - يىلىدىن بۇيان، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 142تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئومۇمىي سېلىنما 45 مىليارد 519 مىليون يۈەن بولدى. بۇ تۈرلەرنىڭ يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ياخشى، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

بەدەننى ئۆلچەپ كىيىم پىچىش

دەل جايىدا بېلىق بېرىش ھەم بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش

2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسىدىن كىرگۈزۈلگەن 20 مىڭ سېرىق قۇيرۇقلۇق قوڭۇر موگىل بېلىقى بېلىجانى جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرى جاۋشياڭ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېلىق كۆلچىكىگە قويۇپ بېرىلدى، بۇ، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسى، بېلىقچىلىق كەسپى مۇتەخەسسىسى يوۋ شياۋتىڭ مەسئۇل بولغان شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم دېڭىز سۈيى بېلىقى كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«كىشىلەرگە بېلىق بەرگەندىن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ياخشى.» فۇجيەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە قانداق كادىر، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولسا، شۇنداق كادىر، ئىختىساسلىقلارنى ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەلالىرىنى تاللاش، ئەلالىرىنى ئەۋەتىش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش، داۋالاش - سەھىيە، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى، تەشۋىقات - مەدەنىيەت، تۈر ئىقتىسادى، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەدىن كەلگەن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىلغار خىزمەت ئىدىيەسى ۋە ئىلغار تېخنىكىنى سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈپ، سانجى ئوبلاستىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

ساغلاملىق كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «داۋالاش ئۆمىكى تەشكىللەش» ئارقىلىق ئېلىپ كەتمەيدىغان داۋالاش تايانچ قوشۇنى بەرپا قىلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، سانجىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى جەمئىي 290 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن كېسەل كۆردى، 15 مىڭ ئادەم قېتىم تۈرلۈك ئوپېراتسىيەنى قىلدى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ 390 قېتىم ھەقسىز كېسەل كۆرۈشنى قانات يايدۇردى، 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆردى، قىممىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دورىنى ھەقسىز تارقاتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، فۇجيەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، داۋالاش يېڭى تېخنىكىسىدىن 322 تۈرنى كىرگۈزۈپ، 39 يېڭى بۆلۈم - ئىشخانىنى تەشكىللەپ قۇردى، «داۋالاش ئۆمىكى تەشكىللەپ» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سانجى ئوبلاستى ئۈچۈن ئېلىپ كەتمەيدىغان داۋالاش تايانچ قوشۇنى بەرپا قىلدى.

مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «مائارىپ بويىچە ئۆمەك تەشكىللەش» ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتا ئۈلگە كۆرسىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. فۇجيەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئىلىم ئۆگىتىپ ئادەم تەربىيەلەپ، مەكتەپ ئىچىدە دەرس ئاڭلاش، دەرس باھالاشتىن جەمئىي 3000 قېتىمچە قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك ئوچۇق دەرستىن 561 مەيدان قېتىم ئۆتكۈزدى، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئىشخانىسىدىن 15نى تەشكىللەپ قۇردى، 231 جۈپ ئۇستاز - شاگىرت قوشماقلاشتى.

«مەنبە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى»نى قوزغىتىپ، «ئىقتىساد بويىچە ئۆمەك تەشكىللەش» ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ توپلىدى، كۈچ قوشتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى ئۈچ تۈركۈمدە 126 يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىنى شىنجاڭغا بېرىپ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتتى. يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر 429 مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، «داڭلىق، ئەلا، خاس، يېڭى» سورتتىن 271نى كىرگۈزۈپ، 150 تۈرلۈك ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇردى. باشقا ساھەلەردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلار مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، فۇجيەننىڭ ئالاقىدار كەسىپ، ئىشلىرىدىكى تەرەققىيات پىكىر يولى، ئىلغار تېخنىكىسى، باشقۇرۇش تەجرىبىسى قاتارلىقلارنى سانجىغا ئېلىپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلار تەقەززا بولغان يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى قەد كۆتۈردى، پۇقرالار ئارزۇ قىلغان دوختۇرخانا ئىشىك ئالدىدىلا قۇرۇلدى... كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر قاتار مەنزىرىلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا چىن قەلب، پۈتۈن ئەقىل - پاراسەت، چىن ھېسسىيات بىلەن ياردەم بېرىشتىكى مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلماقتا.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش

گۈزەل يېڭى مەنزىرىنى ئورتاق سۈرەتلەش

بۇ يىل يېڭى يىلدا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگۇ ئۆزبېك يېزىسىدا، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان جاڭجوۋ ياغاچ ئويمىسى باھار بايرىمىلىق رەسىمىنىڭ فۇجيەندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ۋارىسى يەن چاۋجۈن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر يەرگە خۇشال جەم بولۇپ، نەق مەيداندا كەنت ئاھالىلىرىگە ياغاچ ئويمىسى باھار بايرىمىلىق رەسىمى ئويۇشنى ئۆگەتتى. موي قەلەمنى سىياھقا سۈركەش، قىزىل قەغەز يېيىتىش، تۈزلەپ نۇسخا چۈشۈرۈش... بىردەمدىلا قىزىل رەڭلىك «بەخت» خېتى ئويۇلغان بىر پارچە ئويما رەسىم ئۆزبېك قىزى جاڭاگۈلنىڭ قولىدا بېسىلىپ چىقتى.

بۇنداق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جاڭجوۋنىڭ «توغراقنى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» بويىچە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جاڭجوۋ شەھىرىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرىدىن 100دىن ئارتۇقى بار بولۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. « توغراقنى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئىككى جايدىكى خادىملار ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى.

كولدۇرما ئاۋازلىرى جاراڭلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە قانات يايدۇرۇلدى. 2020 - يىلىدىن بۇيان، فۇجيەن فۇجيەن - سانجى ئىككى جاينىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. «چېگرا رايوننى قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» «قىزىل ئارمىيە ماڭغان يولدا قايتا مېڭىش» قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى؛ «لىن زېشۈ ماڭغان يولدا قايتا مېڭىش . يىپەك يولىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش رىشتى» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇردى؛ «جۇزى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى تارقاتتى.

«ئالاقە تورى +» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك تور مەدەنىيىتى بايرىمى، ئۈچ نۆۋەتلىك تىيانشاندا «كۆرگەن»لىرىمىز يېڭى تاراتقۇ مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى، تور مەدەنىيىتىIP «يەتتە شەمشەرۋازنىڭ تىيانشاندىن چۈشۈشى»نى بەرپا قىلدى، مۇزىكىلىق تىياتىر «قەسەم»، مىكرو كىنو «بېيتېڭدىكى ئۆتكەن ئىشلار»، ھۆججەتلىك فىلىم «گۈزەل سانجى» قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىشقا مەدەت بەردى، يېڭى دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازى ۋە فۇجيەن - شىنجاڭنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلدى.

ياردەم بېرىدىغان ۋە ياردەمگە ئېرىشىدىغان ئىككى جاينىڭ داۋالاش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى ماسلاشتۇردى. فۇجيەندىكى 3A دەرىجىلىك 13 دوختۇرخانا سانجى ئوبلاستىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 13 دوختۇرخانا بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇردى؛ فۇجيەن ئۆلكىسى ئىچىدىكى ئالاقىدار مەكتەپلەر سانجى ئوبلاستىدىكى 44 مەكتەپ بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇردى؛ فۇجيەندىكى تۆت داشۆ سانجى ئوبلاستى بىلەن كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقى قۇردى؛ فۇجيەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 84 كادىر ۋە ئىختىساس ئىگىسى 134 ئائىلىلىك ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ قوشماقلاشتى...

تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، فۇجيەن داۋاملىق چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، تىيانشان ئېتىكىدە تېخىمۇ گۈزەل يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىدۇ.