چىن ھېسسىيات بىلەن ياردەم بېرىپ - يۆلەپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ قەلبلەرنى ئىللىتىش

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

​− «خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (1)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

ھەر ئايدا شىركەتتىكى 200دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ مائاشىنى ھېسابلايدىغان ۋاقىت يەنە يېتىپ كەلدى، بۇ بىر چوڭ ھېسابات بولسىمۇ، ئامانگۈل ياسىننىڭ كۆڭلىدە سان بار ئىدى.

«گەرچە مېنىڭ خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتىم ئانچە ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىن قولۇم پىشىپ قالدى، ھازىر مائاش ھېسابلاش، خام ماتېرىيالنى ئىسكىلاتتىن چىقىرىش، ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مالىيە خىزمىتىنى ئۆزۈم يالغۇزلا تاماملىيالايمەن!» دېدى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى يوپۇغا ناھىيەسىگە جايلاشقان قەشقەر سۇياۋ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئامانگۈل ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ، «تېخنىكا - ماھارەتنى تىيانشاندا نامايان قىلىش»، ساياھەت كەسپى، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى قاتارلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئامانگۈل شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەرگە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەۋەتتى، كىتاب كۆرۈپ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلدى، لېكىن ھەممىسى نەتىجىسىز بولغاچقا، ئۇ ناھايىتى تىت - تىت بولۇپ كەتتى. يۇرتى يوپۇغا ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامانگۈل ۋاقىتنىڭ كۈن - كۈنلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلىۋاتقاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكىلەر ئائىلىلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، تېلېفوندا زىيارەت قىلىش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، يوپۇغا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم مەركەزلىك كەسپىي يېتەكلەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

«خىزمەتچى خادىملار بىزگە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، يەنە بىزنىڭ كونكرېت ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇردى.» ئامانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە ئىشەنچكە ئىگە بوپتۇ.

ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى ۋە ئىش ئورنى ماھارەت تەلىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاپ، ياردەم بېرىش ئوبيېكتىغا ماس كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى دائىملىق توپلىدى.

يوپۇغا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى سۇياۋ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ بوغالتىر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئامانگۈل قاتارلىق بىرقانچە كەسپى توغرا كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى» تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى ھەم بۇنىڭدا ۋاسىتە، كۆۋرۈك بولۇپ، ئامانگۈلنىڭ خىزمەت ئورنىغا چىقىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر ئۇ ھەر ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالىدۇ.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن باشقا، مېيىپلەرمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.

34 ياشلىق جاڭ كەيزېنىڭ پۇت - قولى مېيىپ بولغاچقا، ئىزچىل كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغانىدى. ساۋەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بويىچە «تۆت بىر» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش (ئەمگەك يېشىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان مېيىپلەرگە قارىتا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار مېيىپلەرگە قارىتا ئاز دېگەندە بىر قېتىم كەسپىي ئىقتىدارىنى باھالاشقا تەشكىللەش، بىر قېتىم ئېھتىياجىنى تىزىملاش، بىر قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش) جەريانىدا، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەشنى پائال قانات يايدۇردى.

«مېنىڭ مېڭىشىم قولايسىز بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى كادىرلار مېنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە ئەۋەتتى، ماڭا ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى تېپىلسىلا، ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا مېنى ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىدى.» بۇ يىل 4 - ئايدا، ساۋەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق جاڭ كەيزېنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كادىرلىرىنىڭ ياردىمى بولغاچقا، ئايىغىم ئاستىدىكى يولنىڭ ماڭغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى جاڭ كەيزې.

ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىدىن ئىگىلىك تىكلەش ئېھتىياجى بارلارغا سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تۈر تونۇشتۇرۇش، تىجارەت باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مەيدان - ئورۇننى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش؛ ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بارلارغا خىزمەت ئىزدەش يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئىش ئورنىنى تەۋسىيە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىدىن تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى بارلارغا تەربىيەلىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشى تېخى ئېنىق بولمىغانلارنى كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، پائال ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش... ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا خاسلىققا ئىگە كەسپىي يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇش، پەرقلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى بېكىتىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بىر قاتار ئىش ئورنىنى يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى، باھار شامىلى ھەرىكىتى، ئاياللار ۋە ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق مەخسۇس تۈردىكى تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك تور ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىدىن 1879 مەيدان قېتىم تەشكىللىدى، قاتناشقان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 35 مىڭ 200 بولۇپ، 639 مىڭ 300دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، 197 مىڭ 700دىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.