«بىز ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ شىنجاڭنى ھېس قىلدۇق»

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

​− مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى تاراتقۇ خادىملىرى شىنجاڭغا كەلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«شىنجاڭ سەپىرىم شۇ قەدەر گۈزەل بولدى، مەن شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزىمەن.» يەتتە كۈنلۈك زىيارەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كامبودژا «جيەنخۇا گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى ئەن جيا ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى تاراتقۇلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھاكىمىسى ھەم جۇڭگونى ھېس قىلىش (شىنجاڭ) سەپىرى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانا، مەھەللە، مەنزىرە رايونى، يېزا، مەسچىت قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، ساياھەتچىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىدىكى «شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە زالىدا، چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى دەۋردىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ھەربىر پارچە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ھېكايىلەرنى جىمجىت بايان قىلىۋاتاتتى. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سورىدى ۋە ئىگىلىدى. «بۇ خۇددى زامان، ماكان ھالقىغان بىر مەيدان مەدەنىيەت سەپىرىگە ئوخشاش، ھەم قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى ھەم ئۇنتۇلغۇسىز بولدى.» كانادا سىن تاراتقۇ ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى جۇ فېڭجيې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە شانلىق نۇرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇبخانا، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى، ناماز ئوقۇش زالى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىكەن!» فىلىپپىن «سودا گېزىتى»نىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى سەي يوۋمىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى كۆردۇق، ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىگىلىدۇق، بۇ، سىرتتا تارقىلىپ يۈرگەن بەزى قاراشلار بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. «بىز ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ شىنجاڭنى ھېس قىلدۇق، بۇ ھەم بىز قايتقاندىن كېيىن دۇنياغا يەتكۈزىدىغان سادايىمىز» دېدى ئۇ.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمدى بىر چەت، يىراق جاي ئەمەسلىكىنى، بەلكى بىر يادرولۇق رايونغا، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلانغانلىقىنى ئىگىلىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زورايتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىۋېتىپتۇ.

ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە، يول بويى ھېس قىلغان خەلق مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادىتى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى مەپتۇن قىلدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ۋە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار، ئىشتىھانى قوزغايدىغان مەززىلىك تائاملار، شۇ جايدىكى قىزغىن، مېھماندوست ئامما... ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى، ئويۇن كۆردى، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

«شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك، بەخت كۆرسەتكۈچى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن!» بىرما «ئالتۇن سۇمۇرغ گېزىتى»نىڭ ئىجرائىيە لىدىرى جاڭ چۇڭ ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلدى، «مەن <شىنجاڭ ياخشى جاي> ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم، گاۋتيې، مېترو قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن سەپەرگە چىقىش ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋېتىپتۇ».

ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يول بويى مېڭىپ، يول بويى كۆرۈپ، يول بويى خاتىرە قالدۇردى، بارغانلا يېرىدە، يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتىنى چىقىرىپ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى ھەم ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن ھەمبەھرىلەندى. كۆپچىلىك بەس - بەستە ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: گەرچە ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەممە نەرسە كۆپچىلىكتە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن، چوقۇم شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش كېرەك ئىكەن. شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم ئىكەن، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋېتىپتۇ، بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا ئۇچۇرلىرىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، چوقۇم ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەيمىز، تېخىمۇ كۆپ دوستنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.