غەربىي شىمالدىكى تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» ئېچىلدى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ئېچىلدى، تۇنجى تۈركۈمدە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى 52 باشلامچى كارخانا بۆلەككە كىرىپ يېتىشتۈرۈلدى. بۇ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «خاس بۆلىكى» ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى»نى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە بۆلەككە كىرگەن كارخانىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى.

بۇ بۆلەك شىنجاڭدىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان مەخسۇس مۇلازىمەت بۆلىكى بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلار، ھەمدە تىجارەت ئەھۋالى ياخشى، كەسىپكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش رولى كۈچلۈك بولغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك باشلامچى كارخانىلارغا يۈزلەندۈرۈلىدۇ.

كەلگۈسىدە بۇ بۆلەك تەدرىجىي ھالدا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتكەن كارخانا بولۇش ئارزۇسى بار ياكى ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بولغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بويىچە ئۈلگىلىك كوپىراتىپ قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى ھەر يىلى بۆلەككە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق كۆرگەزمە قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن كارخانىنى 300دىن ئاشۇرىدۇ.

بۇ بۆلەككە كىرگەن كارخانىلار «سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش + رايون پاي ھوقۇقى بازىرى مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت قوش قوللاشقا ئېرىشىدۇ. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا، يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ بۆلەككە كىرگەن كارخانىلارغا قارىتا ئالاقىدار يۆلەش ۋە مۇكاپات - ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى»نىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ پېيى بازارغا سېلىنىدىغان زاپاس كارخانا بايلىق ئامبىرى بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئامبارغا كىرىپ يېتىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنى پېيى بازارغا سېلىنىش جەريانىدا بەلگىلىمە بويىچە باسقۇچقا بۆلۈپ مۇكاپاتلايدۇ.

«بىز مەخسۇس بۆلەك كارخانىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ تەشۋىق قىلىش، پاي ھوقۇقى بويىچە باھا مەلۇم قىلىش، مەبلەغ سېلىش - يۈرۈشتۈرۈش، كېپىل بولۇپ ئىشەنچلىكلىكىنى كۈچەيتىش، پېيىنى بازارغا سېلىپ يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ھەمدە مالىيە، باج، قانۇن، سىياسەت، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى چېن فېڭلېي.

شاڭخەي، شېنجېن، بېيجىڭ ئاكسىيە سودا ئورنىنىڭ شىنجاڭ مۇلازىمەت بازىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى بۇ بۆلەككە كىرىپ پېيىنى بازارغا سېلىش ئارزۇسى بار كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرى قائىدىسىنى پىششىق بىلىشىگە، شاڭخەي، شېنجېن، بېيجىڭ ئاكسىيە سودا ئورنى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

بۆلەكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى شىنجاڭ بانكىسى، جۇڭشىن بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى، بېيجىڭ بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشى كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئىمزالاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، بۆلەككە كىرگەن كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق كۈچ قوشتى.

پائالىيەتتە شىنجاڭ شياۋجىننيۇ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ئىلى ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ شىركەت ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ بانكىسى، جۇڭشىن بانكىسى، بېيجىڭ بانكىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىناۋىتىگە ئېرىشتى.