يېشىل يول يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە «ئەلالىرىنى كىرگۈزۈش، ئەلالىرىنى چىقىرىش»قا كاپالەتلىك قىلدى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «پورتنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش <يېشىل يولى>نىڭ پايدىسىدا، بۇ يىل شىركەت ئېكسپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.» 5 - ئاينىىڭ 22 - كۈنى، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شىركىتىمىز 8700 توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلدى، سودا سوممىسى 53 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى كۆپ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى.

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە: چېگرا پورتلىرىنى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ 11 تاشيول پورتىدا يولۇچى تىرانسپورتى ۋە يۈك تىرانسپورتى بويىچە بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولدى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى «تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» شىنجاڭنىڭ خاس داڭلىق ماركىلىق لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو - قازاقىستان تاشيول پورتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، كۆپ خىل سودا شەكلى ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 3 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.5 ئاشقان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.9 ئاشقان بولۇپ، ئوخشاشلا زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولغان، شۇنداقلا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان تاۋارلارنىڭ بىرى. ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت - ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر تاموژنىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەرقلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتتى، تەكشۈرۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ھەم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى باھانى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، «يېشىل يول» بىلەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئۈزلۈكسىز قىسقارتتى؛ مەخسۇس يول ئېچىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئالدىن بېجىرىپ، تېز تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە «ئەلالىرىنى كىرگۈزۈش، ئەلالىرىنى چىقىرىش»قا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىر شىنجاڭنىڭ باقتۇ، قاراسۇ، تورغات، ئەركەشتام، قورغاس پورتلىرىدا، دۆلىتىمىز ئۈچ دۆلەت چېگرا تاموژنىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى»دىن بەشنى ئېچىپ، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان، جۇڭگو - قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بەش لىنىيەلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى.