1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %29.7ى تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليارد 570 مىليون يۈەن ئاشقان.

1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، 2022 - يىلىدىكى ساقلانما شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قۇرۇلۇش تۈرلىرى پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلۇپ، 2 مىليون 300 مىڭ كىلوۋات توك تارقىتىپ، 23 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

ئېلېكتىر تورى تۈرىدە ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولدى، ئىلى − بورتالا ئوبلاستى − شىخو − فېڭخۇاڭ II قايتما لىنىيەسى، فېڭخۇاڭ − ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىي II قايتما لىنىيەسى، فېڭخۇاڭ − ياجۇڭ II قايتما لىنىيەسى، شىخەنزە، ئۈرۈمچى - سانجى قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئۇلغا بېتون قۇيۇش، تۆمۈر مۇنار ئورنىتىش، ئېلېكتىر تورى ئورنىتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇنىڭغا جەمئىي 237 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

نېفىت - تەبىئىي گاز تۈرى تېز يولغا قويۇلدى، ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى توپى ۋېنشى 1 - ئامبىرى، تارىم نېفىتلىكى كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى، شۇنبېي 2 - رايون سىستېمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئالدىن يولغا قويۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى بولدى.

بايىنغولىن ئوبلاستى − تىكەنلىك − چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، غۇلجا كان رايونى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى بىرلەشتۈرۈش رايونىدىكى يىتەي ئىلى كانچىلىق شىركىتىنىڭ كۆمۈر كان تۈرى قاتارلىق توققۇز نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 16 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

شەرقىي جۇڭغار 660000 × 2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى (بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىن تۇرپانغىچە)، پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ كان رايونى 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تۈردىن 400نى ئورۇنلاشتۇردى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرى 85 تۈر بولۇپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر تورى، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.