ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 6 - ئورۇندا تۇرغان.

ئاپتونوم رايونىمىز سانائىتىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈرى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاپ كەلدى. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كانچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى، ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %5 ئاشتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %10.9 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرى ئىچىدە كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پولات تۆمۈر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەر ئىككى خانىلىقتىن يۇقىرى سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ نېفىت كەسپى مۇقىم، بىرقەدەر تېز ئېشىپ، سانائەتنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچىسى»لىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى %97.9 بولۇپ، 1 - پەسىلدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1 - پەسىلدىكىدىن 4.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 23.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 17 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت تۈر قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت تۈرلىرىدە ئىش باشلاش نىسبىتى %74.4 بولدى، 50 مۇھىم، زور سانائەت تۈرى ئىچىدە 46 تۈردە ئىش باشلاندى (ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى).

14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئىچىدە قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت يەتتە ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)نىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئىككى خانىلىق ساندىن ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى يۈرۈشۈشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گو رۇيبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى باشلامچىلىق قىلغان ئۈچ نۇقتىلىق كەسىپ توپى ھەرىكەت پىلانى ۋە 17 نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز.