ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پىدائىيلىق مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى شۆبە ئەترىتى قۇرۇلدى

日期:2023年05月25日
来源:天山网
【字体:

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى) 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پىدائىيلىق مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ Rh مەنپىي ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى شۆبە ئەترىتى قۇرۇلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىنى ھەقسىز تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ مۇقىم تەشكىلاتى ۋە قوشۇنى بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن كىلىنىكىدا ئاز ئۇچرايدىغان تىپتىكى قان ئىشلىتىشكەە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئالاقىدار پىدائىيلار بىلەن تېز ئالاقىلەشسە بولىدۇ.

5- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئەترىتىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى شۆبە ئەترىتىگە بايراق بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

نەن يۈەنيۈەن فوتوسى

  ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئەترىتىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى شۆبە ئەترىتى Rh مەنپىي ئاز ئۇچرايدىغان تىپتىكى قاننى تەقدىم قىلغۇچىلارنى ئاساس قىلىدۇ، ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىدىكى پىدائىي 600دىن ئاشىدۇ. Rh مەنپىي ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىدىكى كىشىلەر توپى ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىدىكى پۈتۈن كىشىلەر توپىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىدىكىلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ توپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى ئىسكىلاتىدا يوچۇق بىر قەدەر چوڭ.