سەپەرگە چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك! شىنجاڭدا ياسىلىۋاتقان بۇ ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يېڭى ئىلگىرىلەش بار

日期:2023年05月25日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، S519 ۋۇتۇڭ داچۈەن-شاچۈەنزى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇتىشىدىغانكىرىش ئېغىزىغا ئېگىزدىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

پولات نىياز فوتوسى

يېقىندا، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق قاتناش قۇرۇلۇش تۈرى S519 ۋۇتۇڭ داچۈەن-شاچۈەنزى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە6-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدىكەن.

بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 80.117 كىلومېتىر بولۇپ، G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەندىن باشلىنىپ، G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شاچۈەنزىدە ئاخىرلىشىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، قومۇلنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدىكى كۆپلىگەن تاشيوللاردا ئايلانما لىنىيەلىك تېز سۈرئەتلىك تىرانسپورت يولى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ،رايون قاتناش تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى يەنە بىر ياسىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول G575 لىنىيەسىنىڭ تۆمۈرتام پورتىدىنباركۆل تاشيولىغىچە بولغان 2-قارارلىق تۈرىنىڭ ئىلگىرىلىشىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئاسفالت يېيىتىلىۋاتىدۇ، 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانماقتا.

بۇ تۈرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى باركۆل ناھىيەسىنىڭ داخې بازىرىدا بولۇپ، ئاخىرقى نۇقتىسى باركۆل ناھىيەسى شەھەر ئايلانما تاشيولىنىڭ خۇبىن يولى تۆت كوچا ئېغىزى بىلەن تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18.207 كىلومېتىر. بۇ تۈر پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، باركۆل ناھىيە بازىرىدىن تۆمۈرتام پورتىغىچەپۈتۈن مۇساپىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار پولات نىياز، تيەن تېڭشەن)

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، S519 ۋۇتۇڭ داچۈەن-شاچۈەنزى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىغا ئېگىزدىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

پولات نىياز فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، S519 ۋۇتۇڭ داچۈەن-شاچۈەنزى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاقتاش بۇلاق ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.

پولات نىياز فوتوسى

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، G575 لىنىيەسىدىكى تۆمۈرتام پورتىدىن باركۆل تاشيولىغىچە بولغان 2-قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئاسفالت ياتقۇزماقتا.

تيەن تېڭشەن فوتوسى

  5-ئاينىڭ 17-كۈنى، G575 لىنىيەسىدىكى تۆمۈرتام پورتىدىن باركۆل تاشيولىغىچە بولغان 2-قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئاسفالت ياتقۇزماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

تيەن تېڭشەن فوتوسى

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، G575 لىنىيەسىدىكى تۆمۈرتام پورتىدىن باركۆل تاشيولىغىچە بولغان 2-قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئاسفالت ياتقۇزماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

تيەن تېڭشەن فوتوسى