2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

日期:2023年05月25日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىلى، شىنجاڭ 1000 ئايلانما ئىشتاتئاجرىتىپ، ئىشتاتى توشقان ئورۇنلارنىڭئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە مەخسۇس ئىشلەتكەن، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى مۇستەقىل بېكىتىش ھوقۇق چېكىنى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا، ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ھوقۇق چېكىنىناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرغان، ئۇل تەتقىقات، قۇرۇلۇش، سەھىيە-ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئۇنۋان باھالاش شەرتىدىن 21گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر)