جىلىن شامىلى ئالتايغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

日期:2023年05月25日
来源:天山网
【字体:

جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە:

جىلىن شامىلى ئالتايغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جۈنشيۇ

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خاس كەسىپلىرى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، قار ـ مۇز ساياھىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، زور بىر تۈركۈم تۈرلەرنى ئارقا ـ ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، قار ـ مۇز شەھىرى ئالتايغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

خاس كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردى

ھازىر، قابا ناھىيەسىنىڭ كۆلباي بازىرىدىكى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى − كەۋرەكتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. 4 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، بۇ ناھىيەنىڭ كۆلباي بازىرىدىكى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈش بازىسى ھوسۇل يىغىش نەق مەيدانىدا، دورا ماتېرىياللىرىنى يىغىدىغان ئۈچ چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، نەچچە ئون ئىشچى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن يىغىش، دەرىجىگە ئايرىش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىۋاتاتتى. تېرىقچىلىق ئائىلىسى ليۇ شىخۇەن مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىز 700 مودىن كۆپرەك يەرگە كەۋرەكنى سىناق قىلىپ تېرىغانىدۇق، ھازىر ھوسۇل ئالدۇق. بىر كىلوگىرام ھۆل كەۋرەكنىڭ بازار باھاسى 13 يۈەن، بىر كىلوگىرام قۇرۇق كەۋرەكنىڭ بازار باھاسى 58 يۈەن، ئومۇمىي ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى».

ئەنئەنىۋى قازاق تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىش جىلىننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشىدىكى يەنە بىر بۆسۈش ئېغىزى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى چاڭچۇن جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى داشۆسى، جىلىن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭيى تېبابىتى ياسالما دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، مايسا يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە داڭلىق دورا ماتېرىياللىرىنى ئېكولوگىيەلىك تېرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى سورتىدىن 40نى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈشنى سىناق قىلىش، داڭلىق ياۋا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سورتىدىن 15نى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈشنى سىناق قىلىش ۋە «ئاشلىق بىلەن دورا ئۆسۈملۈك» «ئوت ـ چۆپ بىلەن دورا ـ ئۆسۈملۈك» «دورا ئۆسۈملۈك بىلەن دورا ئۆسۈملۈك»تىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلدىكى كىرىشتۈرۈپ تېرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىلىن ئۆلكىسىدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى داڭلىق كارخانىسىدىن ئون نەچچىنى ئالتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەشكىللەپ، كۆپ مىقدارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى يېشىل، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئالتاي شەھىرى، قابا ناھىيەسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسىنى ئاساس قىلغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بۇنىڭدىن باشقا، جىلىن يېزا ئىگىلىك داشۆسى تۈر كوللېكتىپى يەنە ئالتاي ۋىلايىتىدىكى خاس دورا ماتېرىيالى بولغان بۇيا، چوغلۇق، يەر مەدىكى، يىزىخو ئەمىنىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى، سۈپەت ئۆلچىمى ھەم دورىلىق رولىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلدى؛ ھايۋانات دانچە يەم ـ خەشىكى، ئادەمگىياھ ـ جۈجۈ قوشۇلغان تېز ئېرىيدىغان قەھۋە، ئادەمگىياھ ـ جىغان ھارىقى، خوگو يۈرۈشلۈك خۇرۇچلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىگە ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئالتە تۈر دۆلەت ئىچى پاتېنتىغا ئېرىشتى، ئۈچ تۈر خەلقئارادا ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنتقا ئېرىشتى، تۆت تۈر تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنتىغا ئېرىشتى.

«بىز يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى <ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيەت بېكىتىشى(CMA)دىن ئۆتكەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېتىراپ قىلىشى (CATL)دىن ئۆتكەن ھەم جۇڭگونىڭ لاياقەت باھالىشى بويىچە دۆلەت ئېتىراپ قىلىش كومىتېتى (CNAS)غا ئىلتىماس قىلىشقا ماس كېلىدىغان ھەم ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى خەرىتىسى(رىسالە) ئامبىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىشنى قانات يايدۇرالايدىغان> تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ئاپپاراتى قۇردۇق». جىلىن ئۆلكىسىنىڭ 4 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى يۈ خۇاياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

قار ـ مۇز ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى

ھەر يىلى قىش پەسلىدە، جىلىننىڭ تاغ ـ دەريالىرىدىن ئالتۇنتاغ ئېتىكىگىچە، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى بويىدىن ئېرتىش دەرياسى بويىغىچە، كۆز يەتكۈسىز مۇزلۇق بىلەن قاپلانغان، قار لەپىلدەپ يېغىپ تۇرىدىغان ئون مىڭ چاقىرىملىق گۈزەل مەنزىرە سانسىزلىغان قار تېيىلىش ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. قانداق قىلغاندا قار ـ مۇزغا دائىر خىزمەتلەرنى تولۇق ئىشلەپ، «قارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جىلىن ئۆلكىسى خەلقى بىلەن ئالتاي خەلقىنىڭ ئورتاق نىشانىغا ئايلاندى.

2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بېيجىڭدا جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار ـ مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جىلىن، ئالتايدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قار ـ مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم، زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قار ـ مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونى ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قار ـ مۇز كەسپىنى پىلانلاش، قار ـ مۇز ماھارەت تەنھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق تەنتەربىيە ساياھىتىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، قاتتىق سوغۇق جاي قار ـ مۇز ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نەچچە يىلدىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئاپتونوم رايون ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ جۇڭگو − شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى، خەلقئارا قار ئويما سەنئىتى كۆرگەزمىسى قاتارلىق سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى 17 قېتىم ئۈستىگە ئالدى؛ جىلىن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ تېز مۇز تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش قاتارلىق خاس مۇسابىقىلىرىدىن 28 تۈرنى جىپسىلاشتۇردى؛ جىلىن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئالتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ قار ـ مۇز چوڭ رايونى قۇرۇلۇشى ئىختىساسلىقلىرى، قار ـ مۇز تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلارنى تەربىيەلەشكە ماسلاشتۇردى، 615 كىشى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئالاقىدار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە 15 قېتىم ساياھەت مەخسۇس پويىزى، 47 نۆۋەت ھۆددە ئايروپىلاننى يولغا سېلىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى 25 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى ئالتايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.

جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياۋ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز جىلىن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، ئالتاينىڭ قار ـ مۇز كەسپى تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ، قار ـ مۇز كەسپى تەرەققىياتىنىڭ مول نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

4000دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ئالتايغا بېرىپ جانلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 60تىن كۆپرەكى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتى، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئالتايغا كېلىپ خىزمەت قىلدى... بۇنىڭدا جىلىننىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

ئالتاي ۋىلايەتلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدە، چاڭچۇن سىفەن ئالىي تېخنىكومى ھەر يىلى قانات يايدۇرىدىغان ئوقۇتۇشنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىشىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىدىن 30نى، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىدىن 19نى، ۋىلايەتنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ئۆمەك تەشكىللەپ بىر يېرىم يىللىق مۇددەت بىلەن تاللاپ ئەۋەتتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆمەك تەشكىللەپ پەن بويىچە تەربىيەلەش، لېكسىيە سۆزلەش، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى قاتارلىقلارنى جەمئىي 485 قېتىم قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىدىن 12 مىڭ 400 ئادەم قېتىمنى تەربىيەلىدى. ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپنىڭ بەش يېڭى كەسپىنى ئىلتىماس قىلىش، 25 كەسپىي دەرسنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمى قۇرۇلۇشى ھەم ئوقۇتۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

2020 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 45 مىليون 450 مىڭ يۈەن ئىشلىتىپ، «كىچىك ئاق تېرەك» پىلانى تۈرىنى قوللاپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىدىن 805 ئادەم قېتىمنى كىرگۈزدى، مۇلازىمەت قىلىنغان ئورۇنلار ئالتاي ۋىلايىتىدىكى 80دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئورۇننى قاپلىدى، 2022 ـ يىلى پىدائىيلارنىڭ خىزمەت ئورنىدا قېلىش نىسبىتى %37كە يېتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى قان بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ساياھەت، مائارىپ ۋە داۋالاش بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەپ» ياردەم بېرىش بىلەن جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىش ئورۇنلىرىغا «ئىختىساسلىقلارنى جانلىق جەلپ قىلىش»نى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىختىساسلىقلارنى جانلىق جەلپ قىلىش بويىچە مەخسۇس تۈردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 15 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاجرىتىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، چوڭ سانلىق مەلۇمات، قار ـ مۇز، يۇغۇرما تاراتقۇ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەخسۇس تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 265 ئادەم قېتىمنى كىرگۈزۈپ، ۋىلايەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

2021 ـ يىلى، جىلىن ساياھەت «كىچىك ئۆمىكى» ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ۋە جىلىن ئۆلكىسى بويىچە «13 ـ بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇش باش تېما قىلىنغان ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 2020 ـ يىلى، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى شۇ يىللىق جىلىن ئۆلكىسىدىكى ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ «13 ـ بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇش بويىچە گەۋدىلىك نەتىجە تۈرىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ ئالتاي ۋىلايەتلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 3A دەرىجىلىك مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى بولۇپ ئۆستۈرۈلۈشىگە ياردەم بەردى.

«جىلىن شامىلى ئالتايغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى، بىر ـ بىرىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايدىغان سادىقلىق پۈتۈلدى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ 4 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، لېكىن جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوشۇنى داۋاملىق ئالتاي بىلەن بىر نىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ» دېدى يۈ خۇاياڭ تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن.