يول بويى خۇش پۇراقلار ھەمراھ بولدى

日期:2023年05月25日
来源:天山网
【字体:

− نۇرغۇن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تارباغاتايدىكى رەڭگارەڭ گۈل دۇنياسىنى داكا قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە، خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى، لياۋنىڭ گېزىتى قاتارلىق مەركەز، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭدىكى تاراتقۇلاردىن كەلگەن 20دىن ئارتۇق مۇخبىر تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سەپەر شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چۆچەك شەھىرى، چاغانتوقاي ناھىيەسى ۋە دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى جانلىق مىساللارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى.

چۆچەك شەھەر رايونىغا 12 كىلومېتىرلا كېلىدىغان باقتۇ پورتىدا، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بەس ـ بەستە ماختىشىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسەت پايدىسى باقتۇغا تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەپتۇ.

2020 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، گوۋۇيۈەن تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تەسىس قىلىشقا تەستىقىي جاۋاب بەرگەنلىكى، باقتۇ پورتى ۋە ئەتراپىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايون قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ بۇ 100 يىللىق پورتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقانلىقىنى ئىگىلىگەندە، لياۋنىڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى سۈن شىخەن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ گۈللەپ راۋاجلىنىشنىڭ ئارقىسىدىكى بارلىق كىشىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ھېس قىلدۇق، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا بارغانسېرى ياخشى ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

باقتۇ پورتى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا رايونىغا جايلاشقان يىپەك يولى مەدەنىيەت تاۋارلىرى شەھەرچىسىنىڭ 1 ـ، 2 ـ قەۋىتىدە تۈرلۈك كۈندىلىك بۇيۇملار، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم ـ كېچەك ۋە تۈرلۈك ماللار سېتىلىدۇ. «گۈلى ھەدە بەك قىزغىن ئىكەن، بايا ئىككى خالتا پېچىنە سېتىۋالغانىدىم، ئۇ چىڭ تۇرۇۋېلىپ ماڭا بىر بوتۇلكا ئىچىملىك سوۋغا قىلدى.» مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى خەنزۇ تىلى مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاۋ كەي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭلىقلار ھەقىقەتەن گۈزەل، ئاق كۆڭۈل ئىكەن، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.»

چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىگە كەلگەندە، توققۇز يىللىق تارىخقا ئىگە «قوشنىلار بايرىمى 100 ئائىلىلىك زىياپىتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. «گەرچە مەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى خەۋەر قىلىپ باققان بولساممۇ، لېكىن <قوشنىلار بايرىمى 100 ئائىلىلىك زىياپىتى>گە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم.» خەلق گېزىتخانىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇخبىرى لى يانەن مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما بىللە يىغىلىپ، پاراڭلىشىدىكەن، ناخشا ئېيتىدىكەن، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىغىلى بولىدىكەن، ناھايىتى قىزىيدىكەن. «ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مەززىلىك تائاملارنى يېيىشلا بولۇپ قالماي، يەنە مەسىلە ھەل قىلىش بولۇپ، بۇ نۇقتا ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئۆزئارا پاراڭلىشىش جەريانىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدىكەن».

جۇڭگو گېزىتى شىنجاڭ مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ماۋ ۋېيخۇا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن دائىم چۆچەككە كېلىپ تۇرىمەن، بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىشىلەرنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، بۇ، ئېغىزدا سۆزلەپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىچىك تەپسىلاتلاردا گەۋدىلىنىدۇ».

قانۇنچىللىق گېزىتى سىياسىي ـ مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى جاۋ چېنشىمۇ كۆز ئالدىدىكى خۇشال ـ خۇرام مەنزىرىگە مەپتۇن بولدى: «100 ئائىلىلىك زىياپەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىتتىپاق، دوستانە، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلۇپتۇ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ يېقىنلىشىپتۇ، بۇ، كۆپ مىللەت چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ مەھەللىنى تېخىمۇ ئىناقلىققا، ئىللىقلىققا چۆمدۈرۈپتۇ».

چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مولۇق تۆرجايلاۋ ئوتلىقىدا 100 خىلدىن ئارتۇق ئوت ـ چۆپ قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، توپ ـ توپ باشباي قويى لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتتەك ئوتلىشىپ يۈرەتتى. دۆربىلجىن ناھىيە بازىرىدىن شەرقىي جەنۇبقا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ياۋا مېۋىلىك ئورمان مەنزىرە رايونى دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، دۆلەت 2 ـ دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك − ياۋا ئالما دەرىخى مۇشۇ يەردە يىلتىز تارتقان. دەم ئېلىش، ئىستىراھەت، ساياھەت، سەيلە ـ ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جايدا ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، جىلغا خۇش پۇراققا تولىدۇ.

«شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتى گۈزەل، مەيلى قەيەرگە بېرىڭ، خالىغانچە تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتتىنمۇ گۈزەل مەنزىرىنى ھېس قىلالايسىز.» مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CGTNنىڭ ئىسپان تىلى قانىلىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ شياۋچۇەن سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلىدە، يول بويى تەسىراتلىرىنى، ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرىلىدى.

چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى شىمالىي قارابۇرا كەنتىدىكى رەڭگارەڭ چاغانتوقاي «ۋۇۋېيلى» خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى سودا مەززىلىك تائاملار كوچىسى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قويۇق جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى دۇكانلار كوچىلاردىكى خەنفۇ كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان ساياھەتچىلەر بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقانىدى. دۇكان ئالدىدىكى يايما ئورنىدا خاس قورۇمىلار، مەززىلىك تائاملار، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك، لازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. 2022 ـ يىلى، چاغانتوقاي ناھىيەسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، رەڭگارەڭ چاغانتوقاي «ۋۇۋېيلى» خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى سودا مەززىلىك تائاملار كوچىسىنى قۇرۇپ چىقتى ھەم شۇ يىلى 6 ـ ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈردى.

«مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەھەتتىكى ئىشلارغا بەكرەك قىزىقىمىز، بىز چوڭقۇر خەۋەر قىلىش شەكلى ئارقىلىق، تارباغاتاينىڭ ھېكايىسى ۋە لياۋنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز.» لياۋنىڭ گېزىتى يېڭى تاراتقۇ زىيارەت ۋە يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى لۇ لىيې كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، مېنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراققا تۇنجى قېتىم قەدەم بېسىشىم، پۇرسەت بولسا يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ مارالسۇ بازىرى قىزىلئاغىن كەنتىدىكى 140 مو يەردىكى ياغ تارتىلىدىغان مودەنگۈللەر دەل ئۇرۇق تۇتقان بولۇپ، يىراققا نەزەر سالغاندا، خۇددى بىر پارچە يېشىل دېڭىز ـ ئوكيانغا ئوخشايتتى. تېرىقچىلىق ئائىلىسى چېن جىنخۇڭ مودەنگۈل ئېتىزىغا قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، شورغا چىداملىق، قۇم ـ بورانغا تاقابىل تۇرالايدىغان پىندىق ياڭىقى دەرىخىنى كىرىشتۈرۈپ تىكىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئەڭ زور بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنە يۇرتداشلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى.

«ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت قوغداش مەسىلىسىدە ئەسلىدىلا زىددىيەت مەۋجۇت، لېكىن تارباغاتاي ۋىلايىتى بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى قىپتۇ» دېدى ئىشچىلار گېزىتى شىنجاڭ مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋۇ دوسى.