ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش

日期:2023年05月25日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىغا نەزەر (1)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

5 ـ ئايدىكى شىنجاڭدا، مەيىن شامال چىقىپ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېخلاردا، ماشىنا بىلەكلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، «ماشىنا ئادەم ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىش»نى نامايان قىلىپ تۇراتتى؛ تۈر ئىش ئورۇنلىرىدا، كەپشەر ئۇچقۇنلىرى يايسىمان نۇر چېچىپ تۇراتتى، مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى؛ چېگرا پورتلىرىدا، چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللار ئالدىراش ئۆتۈشۈپ، تەرتىپلىك مېڭىۋاتاتتى؛ مەنزىرە رايونى ۋە كەچلىك بازارلاردا، ساياھەتچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تۇراتتى، ئەتراپقا تارالغان مەززىلىك تاماق ھىدى كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇراتتى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن باشلىنىش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك» «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇراتتى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىلدا، شىنجاڭ ئىقتىسادى «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، روھىي كۆتۈرەڭگۈ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قىياپەت بىلەن پەللىدىن چىقىپ، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردى.

ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان قىياپەت بىلەن، 1 ـ پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

ئېشىش مۇقىملاشتى، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلاندى

5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، جۇڭشىيۈن (شىنجاڭ) خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى ئېكسپورت قىلغان شاڭچى تۇڭيۇڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ شۆفۇلەن ماركىلىق ئاپتوموبىلىدىن 261ى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ئاستا ـ ئاستا كىرىپ كەلدى، بۇ ئاپتوموبىللار ئاپتوموبىل ئېكسپورتى بويىچە باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى كەسپى شەكلىدە ئۆزبېكىستانغا ئېكسپورت قىلىندى. بۇ ئاپتوموبىللار بۇ يىل ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن ئېكسپورت قىلىنغان 2 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىللار.

جۇڭشىيۈن (شىنجاڭ) خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى لىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، شىركىتىمىز ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن 3000 ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىلنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىمىز.

سانلىق مەلۇمات بازارنىڭ ئاۋاتلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 94 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى.

تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. روشەنكى، ئالدىنقى تۆت ئايدىكى يارقىن تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتىدا، 1 ـ پەسىلدىكى تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشىدەك ياخشى ۋەزىيەت داۋاملاشقان − 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 68 مىليارد 70 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.3 ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. 1 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 414 مىليارد 952 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى. تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تېز ئېشىپ، بازار ئىستېمالى سىجىل جانلىنىپ، ساياھەت كەسپى كۈچلۈك جانلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغىنى ھەممىلا يەردە قايناق كەيپىيات ئەۋج ئالغان رېئال كۆرۈنۈشلەر:

− زاكاز كۆپىيىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ قوشۇلدى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلاندى.

گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئاپتوموبىللار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى، ئىچكى بېزەك، تەگلىك قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى بويىچە قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كەينى ـ كەينىدىن زاۋۇتتىن چىقتى. بۇ شىركەت تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل تىپىنى كىرگۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايون بازارلىرىنى پائال ئېچىشنى پىلانلىدى.

سېتىش يولىنى كېڭەيتىش، سېخ قۇرۇش، تېخنىكىنى ئۆستۈرۈش... باغچە رايونلىرى، كارخانىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

− جىددىي ھالدا، سۈرئەت يەنىمۇ تېزلىتىلدى. تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، TBM قاتتىق تاغ جىنسلىرىنى قېزىش ماشىنىسىنىڭ سىجىل قېزىشىغا ئەگىشىپ، ياسىلىۋاتقان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ ـ سول تەرىپىدىكى ئاساسىي ئۆڭكۈرنى قېزىشتا، ھەر ئىككىلى يۆنىلىشتە 5500 مېتىرلىق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، قېزىش ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملىنىپ، تونېل قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرىدە، ئېلېكتىرىك ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كەڭ رېلىسلىق تۆمۈريول گۇرۇپپىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشى تۈرى قىزغىن داۋاملاشماقتا؛ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى (تۇرپان ـ جۇڭۋېي)دا 100 چاقىرىملىق شامال رايونىدىكى ئاساسىي گەۋدىسىنى كەپشەرلەش قۇرۇلۇشى ۋە چىرىشتىن ساقلاش ھەم تۇرۇبا ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

− ئىستېمال جانلىنىپ، بازار ئاۋاتلاشتى، سودا چەمبىرەكلىرى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. «بۇ يىل 3 ـ ئايدا، مېنىڭ مىسۇلى ساياھەت سۈرەتخانام قەدىمىي شەھەرگە ماكانلاشتى، ھازىر زاكاز 8 ـ ئايغىچە توشۇپ بولدى. » ساياھەت سۈرەتخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ياڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان ھالدا ھەربىر مېھماننى كۈتۈۋالدى.

1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ بازار ئىستېمالى سىجىل جانلىنىپ، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 14.7 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشتى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئايلاندى.

ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىلدى

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، كورلا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ مېيكې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 5 ـ قارارلىق يىلىغا 100 مىڭ تونناBDO ( 4، 1 − بۇتاندىئول) ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، كىران، تىرانسپورت ئاپتوموبىلى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى جىددىي، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

BDO ئورگانىك ۋە ئىنچىكە خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق» كەسپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىشىنى يېتەرلىك خام ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كەسىپ ئەۋزەللىكى تۇتاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاندى. شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى باشلامچى قىلىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى.

داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، جۇڭگو (شېنجېن) ئۇنىۋېرسال ئېچىش ـ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ليۇ يىلېي مۇنداق دېدى: «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» شىنجاڭنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى بولۇپ، كەسىپلەشكەن ئىش تەقسىماتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى دەرىجىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم يول، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدىكى ئىچكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىنجاڭ ئوتتۇرا قىسىم خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ گەنچۈەنپۇ 200 مىڭ توننىلىق كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي تۈرى، شىنجاڭ جىسۈن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ 120 مىڭ توننىلىق باتارېيە دەرىجىلىك لىتىي كاربونات (1 ـ قارارلىق 60 مىڭ توننا) ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، شىنجاڭ جۇڭتەي جىنخۇي پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 300 مىڭ تونناBDO ( 4، 1 − بۇتاندىئول) ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ 50 مۇھىم، زور سانائەت تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

− كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تېزلىتىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش، ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇندى.

«14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى 2 ـ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن كارخانا تېخنىكا مەركەزلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 54 كارخانا تېخنىكا مەركىزى ئېتىراپقا ئېرىشتى، ئۇلار ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەخسۇس مەبلىغى تۈرى يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى دانە (يۈرۈش)، تۇنجى تۈركۈم قېتىم، تۇنجى نۇسخا قېتىم مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش تەشكىللىنىپ، كېڭەيتىپ قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تېزلىتىلدى.

− كارخانىلارغا رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

شىنجاڭ «رەقەملىك ئىقتىساد»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «رەقەم ئارقىلىق ئاساسنى كۈچەيتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، باشلامچى كارخانىلارنى ئاساسىي قوشۇن، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى جەڭگىۋار قوشۇن قىلغان «زەنجىرسىمان» رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىن، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان رەقەملەشكەن ماس تەرەققىيات ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

سۇ يىغىلسا بېلىق توپلىنىدۇ، دەرەخلەر باراقسان بولسا قۇشلار توپلىنىدۇ. شىنجاڭ سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «قابىل ھۆكۈمەت» بىلەن «ئۈنۈملۈك بازار»نىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قوزغاتتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى، ئالدىنقى تۆت ئايدا، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتىدىن 15 مىڭ 75ى ساپ كۆپەيدى.

«ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى(2202 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى تىجارەت سۇبيېكتلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇردى.

خەلق ئىچى كاپىتالىغا نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كاپىتالىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە جەلپ قىلدى. تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىدىكى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تۈرلىرىدە چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىرلەشمە گەۋدىسىگە مايىللىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي ـ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 50 تۈرلۈك تەدبىرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداپ، سودىگەرلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان، سودىگەرلەرنى قوغدايدىغان، سودىگەرلەرگە مايىللىشىدىغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

مالىيەنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلىرى ۋە داۋاملاشما تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شىنجاڭ باج تارماقلىرى دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ «خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتى»دە ئىككى تۈركۈمدە 42 تۈرلۈك خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش بويىچە ھەق تاپشۇرۇش تەدبىرى ئاساسىدا، 93 تۈرلۈك «باھار شامىلى» تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. تېخىمۇ كۆپ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بايلىقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ياسىمىچىلىق، پۇقراۋى كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا سېلىندى. 1 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جەمئىي 15 مىڭ كارخانىغا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئومۇمىي مەنپەئەت يەتكۈزۈش بويىچە 8 مىليارد 230 مىليون يۈەن قەرز پۇلنىڭ دىر ۋە ئۆسۈمنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەردى.

ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلدى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قېزىلدى

5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىگە كىرگەندە، پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرى كىرىپ ـ چىقىپ، يۈك قاچىلىنىپ ـ چۈشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئايرىش لىنىيەسى ئالدىراش ھەم تەرتىپلىك ئىدى.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، بۇ مەركەز بىر تەرەپ قىلغان پوچتا يوللانمىسى 42 مىليون 680 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.22 ئاشتى.

تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ بىر ئۇچى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە تۇتاشسا، بىر ئۇچى ئىستېمال ئېھتىياجىغا تۇتاشقان بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنىڭ «بارومېتىرى» دەپ ئاتالغان. كىچىك ئالامەتلەردىن تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلگىلى بولىدۇ، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى سانلىق مەلۇماتى شىنجاڭ بازىرىنىڭ غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ئايرودۇرۇم، ۋوگزاللار ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرى «ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، ئاشخانىلاردا ئورۇن كۈتۈشكە توغرا كەلدى، ئائىلىۋى قونالغۇلاردا كارىۋات تېپىش تەس بولدى... شىنجاڭدا، مەيلى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىدا بولسۇن ياكى توردا ئالقىشلانغان داكا جايلاردا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياجانلانغان ھالدا «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتتى» دېيىشتى.

بۇ يىل «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ھەم ئالاقىدار مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، ساياھەت مېھمانسارايلىرىنىڭ سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %92.48، %100.93 ئاشتى. قەشقەر ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 1 مىليون 107 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 812 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %176.19 ئاشتى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سودا نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ «2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېڭەيتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش قاتارلىق 20 تۈرلۈك مەزمۇننى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

− كۆپ ساھەلىك، كۆپ مەنبەلىك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ، «ھەر ھەپتىدە كۆرۈنۈش بولۇش، ھەر ئايدا پائالىيەت بولۇش، ھەر پەسىلدە باش تېما بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

− ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ تۈرتكىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پەسلى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى؛ توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زورايتىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ماي قاچىلاش پونكىتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونى، يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت تۈگۈنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

− گۈل سەيلىسى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ساياھىتى، قۇملۇق ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى، تەتقىقات ـ ئۆگىنىش ساياھىتى، دالىدا قونۇش ساياھىتى سىجىل يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بەس ـ بەستە «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش» ئېتىبار سىياسىتىنى تۈزۈش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى.

− «مودا ھاياتىي كۈچ تىپى، سودا ـ ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات تىپى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تىپى»دىكى كېچىلىك ئىقتىساد شەكلى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كېچىلىك ساياھەت، كېچىلىك مال سېتىۋېلىش، كېچىلىك تاماقلىنىش، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش، كېچىلىك ئويۇن قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى بېيىتىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق كېچىلىك ئىستېمال تەسىراتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى.

− ناھىيە رايونى سودا سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سۇپىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۈچەيتىلدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 105 مىليارد 806 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.3 ئاشتى.

«شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇللۇق رولى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا بولغان يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى سىجىل نامايان بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن.

تۆۋەن چەك ساقلاندى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش پىلانلاندى

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم، زور پىرىنسىپى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي ساھەدە ساقلىنىۋاتقان خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتى.

− ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ھازىرغىچە، ئەتىيازدا تېرىلغان ئاشلىق زىرائەتلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپىيىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاشلىقتا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى مەھكەم ئىگىلەندى.

باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش ـ توشۇش مەركىزى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ پونكىتى كېلا تەبىئىي گاز يىغىش رايونىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەردىن ھال سورىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «پۈتۈن مەملىكەت <بىر تاختا شاھمات> بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك».

شىنجاڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلدى. «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى.

5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ «شېندى 1 ـ نومۇر» سەكرەپ ئىلگىرىلەش 3 ـ 3 قۇدۇقىدا بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلىنىپ، لايىھە چوڭقۇرلۇقى 9472 مېتىرغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا يۈرۈش قىلىشنى يادرولۇق تېخنىكا ۋە جابدۇق زاپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە ـ خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1 ـ قارارلىق يىلىغا 40 مىڭ توننا پولى فورمالىن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇش باسقۇچىدىن سىناق باسقۇچىغا رەسمىي كىردى. بۇ، شىنيې ئېنېرگىيە ـ خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى كارخانىغا ئايلىنىپ، كۆمۈر ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللارنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشتە پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

− خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىنىپ، سىستېمىلىق خەۋپ ـ خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكى مەھكەم ساقلاندى.

«ئۆينى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىق»تىن ئىبارەت ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، فۇنكسىيەنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد مۇقىملىقى بىلەن پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنىڭ بىر ـ بىرىنى قوللىشى، ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ئالغا سىلجىتىلىپ، يول قاتنىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، يېقىلغۇ گاز، ساياھەت، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەر چىڭ كۆزلىنىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەر ئومۇميۈزلۈك بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ تۈزىلىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسى مۇستەھكەملەندى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا نەزەر سالساق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مېلودىيەسى ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن بولدى. بىز تىرىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مۇسابىقە يولىدا جۇشقۇن يېڭى كەيپىيات يارىتايلى، كەڭ يېڭى مەنزىل ئاچايلى.