​دىققەتنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىسى بىلەن يەرلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون بىلەن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى​

دىققەتنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىسى بىلەن يەرلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

ما شىڭرۇي، دەي خوۋلياڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بىلەن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى، نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە كەسپىنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دەي خوۋلياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، بىزنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ باش شۇجىنىڭ «ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى جەزمەن ئۆز قولىمىزدا تۇتۇشىمىز كېرەك» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىملاشقان ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭدا نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىشنى تېزلىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، چوڭ تىپتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق ھالدا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تىرىشىپ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دەي خوۋلياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم كارخانىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئىشلىرى ۋە شىنجاڭدا كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كارخانا تىجارىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى ۋە «قوش كاربون» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال قوللاپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، نېفىت ئايرىش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ۋاڭ گوخې، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.