ئاپتونوم رايونىمىز 400 نۇقتىلىق تۈرگە تايىنىپ ئۈچ چوڭ سىستېما بەرپا قىلىدۇ

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايوندىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە 400 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ تۈرلەرگە تايىنىپ ئۈچ چوڭ سىستېمىنى تېز بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

400 نۇقتىلىق تۈرگە تايىنىپ بەرپا قىلىنىدىغان ئۈچ چوڭ سىستېما ئايرىم - ئايرىم ھالدا: دىققەتنى ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش، ئېنېرگىيە چوڭ يولى، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە تىرەك سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق تۈردىن 169نى يولغا قويۇپ، پىلان بويىچە 124 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش؛ دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تىرەك قىلىنغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ يېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق تۈردىن 147نى يولغا قويۇپ، پىلان بويىچە 143 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش؛ دىققەتنى پەن - تېخنىكا - مائارىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، سەھىيە - تەنتەربىيە، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش، شەھەر - بازار ئەسلىھەلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق تۈردىن 84نى يولغا قويۇپ، پىلان بويىچە 35 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاشتىن ئىبارەت.

تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ۋە «ئالتە چوڭ ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى» قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسنى كۈچەيتىدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كۈچەپ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ.

پىلانلانغان مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان زاپاس كۈچكە ھەقىقىي تۈردە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە تىرىشىپ تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىنى چۆرىدەپ مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تىزىملىك شەكلىدىكى باشقۇرۇش، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «مەبلەغ، مۇھىم ئامىللار تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەردە كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ مەبلەغ مەدىتى ۋە سىياسەت مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنى تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ. ئەڭ زور دەرىجىدە خەت ئەۋەتىپ خەۋەرلەندۈرۈپ تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەڭ يۇقىرى چەكتە رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق مۇھىم ئامىللار بىلەن مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش ۋە جىپسىلاشتۇرۇپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ.