​شىنجاڭ «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى» تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

قانۇن بويىچە سۇ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئانا دەريانى ئورتاق قوغدايلى

​شىنجاڭ «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى» تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىليۇ دۇڭلەيخەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە ماس قەدەمدە «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى» تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى.

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 31 - نۆۋەتلىك «دۇنيا سۇ كۈنى»، شۇنداقلا 36 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى»نىڭ باشلىنىش كۈنى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا سۇ بايلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كۈن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىللىق «دۇنيا سۇ كۈنى»نىڭ باش تېمىسىنى «تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش» دەپ بېكىتتى، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىلقى «دۇنيا سۇ كۈنى» «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى»نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «قانۇن بويىچە سۇ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئانا دەريانى ئورتاق قوغدايلى».

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئەزەلدىن سۇچىلىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۇچىلىق خىزمىتىنى دائىم بوشاشماي تۇتىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.» تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى دىلمۇرات ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 -، 5 -، 6 -، 7 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا سۇچىلىق خىزمىتىگە قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئېنىق خىزمەت تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بىز جەمئىيەتكە باش تېمىلىق تەشۋىقات رەسىملىرى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تارقاتتۇق، تور تاراتقۇلىرى ۋە شەھەر ئىچى مەيدانلىرىدىكى چوڭ تىپتىكى LED ئېكرانى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، سۇ تېجەش بەلگىسى، سۇ تېجەش ئېلانى چاپلاپ، سۇ تېجەش تەشۋىقاتىنى يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، ئورگان، كارخانا، تورغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت <ئالتىگە كىرگۈزۈش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە سۇ بايلىقىنى تېجەش، سۇ بايلىقىنى قەدىرلەش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بىلىملىرى ۋە ئىدىيەسىنى ئومۇملاشتۇردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سۇنى تېجەشلىك ئىشلىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شۈ.

مۇخبىرنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدا بۇ يىل ۋادىنىڭ يەر ئۈستى سۈيى، يەر ئاستى سۈيىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، «تارىم دەرياسى ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا 3 - قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلىدىكەن. «قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىش» پىرىنسىپى ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، دەرياغا چېتىشلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، مەمۇرىي تەستىق رەسمىيەتلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دەرياغا چېتىشلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بولۇشىغا، مەدەنىي قۇرۇلۇش قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، دەريالارنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، ياخشى بولغان سۇ ئىشلىرى تەرتىپى قوغدىلىدىكەن.