ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق 1 - قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق 1 - قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

​شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

​ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 2023 - يىللىق 1 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2022 - يىللىق شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2023 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىشخانىلىرىنىڭ 2022 - يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» «2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ زور چەكتە تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن ئىسكەنجىنى ئازايتىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى قانۇن بويىچە پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياخشى بولغان قانۇنچىللىق ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش كېرەك. قەتئىي تۈردە كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن باراۋەر، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللاشتۇرۇش كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېمەكلىك - دورا، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇننى تەتبىقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ياڭ چېڭ، ۋاڭ مىڭشەن، ئېلزات ئەخمەتجان، چېن مىڭگو، جۇ شۆبىڭ، دىلشات سايىم، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.