شىنجاڭ: مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش، دوكلات قىلىش، باھالاش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئازايتىدۇ

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى3- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى تور بېكىتىدە «ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى» ئېلان قىلىندى.

لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پەن تەتقىقات ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق زېھنىنى پەن تەتقىقاتقا قارىتىدىغان كاپالەت مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، ئورۇن، پەن، كەسىپ، تەجرىبىخانىلارنى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈشلەر ئازايتىلىدۇ، زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكتىنى ئېنىقلاش دوكلاتىنى تولدۇرۇش ئازايتىلىدۇ، ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كۆرۈنۈش خاراكتېرلىك، مېھماندارچىلىق خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ۋە كۈتۈۋېلىش خاراكتېرلىك يىغىنلارغا سىرتتىن قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، غەيرىي ئىلمىي پائالىيەتلىرى ۋە زۆرۈر بولمىغان باھالاش پائالىيەتلىرى ئازايتىلىدۇ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ھەر ھەپتىدە بەشتىن تۆت قىسىم خىزمەت ۋاقتىنى پەن تەتقىقاتقا سەرپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار كەسپىي خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك كەسىپ ئېھتىياجى بولمىغان ئەھۋالدا، پىرىنسىپ جەھەتتىن بىرىنچى سەپتە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئارىيەتكە ئېلىپ يۆتكىمەيدۇ. پەن تەتقىقات ياردەمچىسى ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، داشۆ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى داشۆ پۈتكۈزگەنلەر ئارىسىدىن پەن تەتقىقات ياردەمچىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، پەن تەتقىقات كوللېكتىپلىرى كەسىپلەشكەن قوشۇمچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.