بۇ يەردىكى تەربىيەلەشنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز

日期:2023年03月24日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرشيې لۇڭفوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىداتەسىس قىلىنغان ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا كىرىپ، توكچىلىقبويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتقان 20 نەچچە كۇرسانتنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات مەشىقى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ كۇرسانتلار يولۇققان ھەر خىل مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇرسانتلار توكچىلىق ئەمەلىي مەشغۇلاتى قىلماقتا.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى 23 كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى، 24 كارخانا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى قاتارلىق تۆت تارماق مەكتەپ ۋە بەش ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ھەقسىزكەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇرسانتلار توكچىلىق ئەمەلىي مەشغۇلاتى قىلماقتا.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 1000دىن ئارتۇق كىشى تۈرلۈك تەربىيەلەشكە قاتناشتى ھەمكەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالدى. كۇرسانت جاۋ زاۋباۋ مۇنداق دېدى: «مەن مەھەللىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەن، تەربىيەلەش مەزمۇنى دەل مەن قىزىقىدىغان مەزمۇن ئىكەن، يەنە كېلىپ ھەقسىز ئىكەن. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىشقا ئىشەنچىم بار».

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئوقۇتقۇچى كۇرسانتلارغا بولكاپىشۇرۇش ماھارىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.

​ «ھازىر بىز توكچىلىق، بولكاپىشۇرۇش قاتارلىق 26 كەسپىي ئىش تۈرى بويىچە تەربىيەلەشنى تەسىس قىلدۇق، بۇ ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى چېن شياۋجۈن.