كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىندى، مۇھىت گۈزەللەشتى

日期:2023年03月24日
来源:天山网
【字体:

گۈزەل باھار پەسلىدە، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 45-قېتىملىق كۆچەت تىكىش بايرىمى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى «كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلايلى − 2023-يىللىق ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش تەشەببۇسنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، بارلىق پۇقرالارنى كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېشىل ھۆسن قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئارقا-ئارقىدىن كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى يېزا-كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، 21 كەنتتىكى 2100 مو يەرنى كۆكەرتىپ گۈزەللەشتۈرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئورمان، ئوتلاق تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چېكىنگەن ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئورمان بىنا قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن.

(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ماتېرىيال سۈرىتى)

يېقىندا، مارالبېشى ناھىيەسى چوڭقۇرچاق يېزىسىدا قانات يايدۇرۇلغان كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

سۈرەتنى مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن (ماتېرىيال سۈرەت)

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما گۈرجەكتە توپا ئۇسۇپ، كۆچەتلەرگە توپا يۆلەپ ئورەك تىندۇرۇپ، كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىل، يېڭىسار ناھىيەسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئامما ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى لومپا يېزىسى توقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ گېيىڭ،ئادالەتگۈل مەمەتنۇر،ۋاڭ شيەنجۈن)

يېڭىسار ناھىيەسى ئېگىزيەر يېزىسىدا پىدائىيلار ئورەك كولاپ، كۆچەت تىكىپ، توپا يۆلەپ، سۇغىرىپ، كۆپچىلىك ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ كۆچەت تىكتى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ گېيىڭ، ئادالەتگۈل مەمەتنۇر، ۋاڭ شيەنجۈن)

يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسىدا، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ گېيىڭ، ئادالەتگۈل مەمەتنۇر، ۋاڭ شيەنجۈن)

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامماقاراساكەنتىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىگىلىنىشچە،بۇ يىل، بۇ يېزا130 مو يەرگە ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، تۈرلۈك كۆچەتلەردىن 29 مىڭ تۈپتىن ئارتۇقنى تىكىشنى پىلانلىغان.

ئېزىز سامساقفوتوسى

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكىھەر مىللەت كادىرلار، ئامماقاراساكەنتىدىكىيولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئېزىز سامساقفوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانخېجيا يېڭى كەنتىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا، پىدائىيلار كۆچەت تىكمەكتە. شۇ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە لوپ ناھىيەسى 60 نەچچە ئورۇندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىينى تەشكىللەپ، لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانخېجيا يېڭى كەنتىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش.مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

مەمەتئېلى ئەنۋەرفوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خېجيا يېڭى كەنتىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا، پىدائىيلار كۆچەت تىكمەكتە.

مەمەت ئېلى ئەنۋەرفوتوسى