بەش شەھەر بىرلىشىپ ئۆمەك تەشكىللەپ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ 2023-يىللىق «خىزمەت سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتمەكتە» تېمىسىدىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما چوڭ تىپتىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى باشلاندى

日期:2023年03月24日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭگېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرجاۋ چۇنخۇاخەۋەر قىلىدۇ) بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بىر گەۋدىلەشكەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى،2023-يىللىق «خىزمەت سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتمەكتە» تېمىسىدىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما چوڭ تىپتىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدا باشلاندى.

«خىزمەت سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتمەكتە» تېمىسىدىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭ تىپتىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

سۈرەتنى قاراماي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن

بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئىللىقكەيپىياتقا تولغان ئەتىيازلىق تەكلىپ قىلىش يەلكەن چىقىرىپكەلگۈسىگە ئاتلىنىش» بولۇپ، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، شىخو شەھىرى، بىڭتۇەن 7-شىسى خۇياڭخېشەھىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ قاراماي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىخەنزە داشۆ، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى قاتارلىق شىنجاڭدىكى بەش ئالىي مەكتەپكە تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغان.

تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاراماي شەھىرى، مايتاغ رايونى، كۈيتۈن شەھىرى، شىخو شەھىرى، بىڭتۇەن 7-شىسى خۇياڭخې شەھىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى 240تىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك كارخانا توپلانغان بولۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش، ئۇنىۋېرسال كەسىپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەدىكى مىڭغا يېقىن كەسىپ ئىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نەق مەيدانغا 4000دىن ئارتۇق خىزمەت ئىزدىگۈچى جەلپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 1536 بولۇپ،3400دىن ئارتۇق ئادەمكارخانىلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدەئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلغان.

«خىزمەت ئورنىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى شۇنچە كۆپ ئىش ئورنىنى كۆرۈپ،پۇرسەتنى كۆردۈم، ئىشەنچىم چىڭىدى» دېدى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن شىخەنزە داشۆنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىسى لى چىڭيى.

خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇش ئۈچۈن، تەكلىپ قىلىش يىغىنى يەنە مۇلازىمەت كۆزنىكىنى ئالدىغا سۈرۈپ، كەسىپ پىلانى، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئەمگەك كاپالىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى تەكلىپ قىلىش نەق مەيدانىغا يۆتكەپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سوئالىغانۆلئارىلىقتاجاۋاب بەردى. تەكلىپ قىلىش يىغىنى «تور سىرتىدا نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش + توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش» شەكلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىغا ۋاقتىدا ئېرىشتى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق 61 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم(قېتىم) پائالىيەتكە قاتناشتى.

قاراماي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاراماي شەھىرى بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، «كۈيتۈن-مايتاغ-شىخو»دىن ئىبارەت ئۈچ جاي، تۆت تەرەپنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ماھارەت كۆرسىتىش، سىياسەت تەشۋىقاتى قاتارلىقلار بىلەنيۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.