بۇ ھەپتە ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

ئەسلىي ماۋزۇسى: 3- ئاينىڭ 25- كۈنى ۋە 26- كۈنى يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

3- ئاينىڭ 21- كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2023- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتىياز پەسىللىك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ شەنبە، يەكشەنبە (3- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە)دە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئەتىياز پەسىللىك تەكلىپ قىلىش يىغىنى ۋە كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش− 2023- يىللىق مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە سەييارە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش <شىنجاڭ پونكىتى> تەكلىپ قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزىدىكەن، كەڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەۋقەنى كەلگۈسىگە قويۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى، 10 مىليون ئىش ئورنىغا توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك ھەرىكىتى، ئۇچۇر كەسپى (ئالاقە تورى كەسپى) مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق 27 تۈرلۈك مەخسۇس پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە پائال تەييارلىق قىلىپ، تۈرلۈك توپلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، كەسىپ تاللاش ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىشى ئۈچۈن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن. (مۇخبىر گو لىڭ)

پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى