شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قانداق قىلىپ مول يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟

日期:2023年03月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

يېقىندا ئاياغلاشقان 2022 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، بىر پارچە يارقىن «نەتىجە قەغىزى» ئېلان قىلىندى. بەش يىلدا، شىنجاڭ تەشەببۇسكار ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىدىن 73نى، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىدىن 75نى قانات يايدۇرۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر قاتار يېڭى بايقاش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە مول يېڭى بايقاش، يېڭى نەتىجىلەر ئېنىق نامايان بولدى!» دېدى، دوكلات بېرىش يىغىنىدا «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» شىنجاڭ تۈرىگە قاتناشقان نەنجىڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى شۈي تاۋ.

مول نەتىجىلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

«تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ 73 تەشەببۇسكار قېزىش تۈرى بىردەك <جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش>تىكى مۇھىم، زور تۈر بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە تارقالغان.» شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېنيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان مۇھىم، زور تەتقىقات تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى بىر قىسىم مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە چوڭ خارابىلەرنى قوغداش تۈرلىرىگە قارىتىلغان.

لى ۋېنيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تارىخىي يادىكارلىقلار قەدىمكى تاش قورال دەۋرىدىن يېقىنقى زاماندىكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە بولغان نەچچە ئون مىڭ يىلنى ھالقىغان بولۇپ، ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەرنى ئاساسەن قاپلىغان. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشقا چېتىلىدىغان خارابە تۈرلىرى بىرقەدەر تولۇق بولۇپ، ھەم شەھەر خارابىسى، مەھەللە، ھەم تاش ئۆڭكۈر ۋە دىنىي ئىبادەتخانا بار، يەنە ئۆڭكۈر، قەبرىستانلىق، تۇر، ئۆتكەل، كانچىلىق خارابىسى قاتارلىقلار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بەزىلىرى يەنە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ساھەسىدىكى مۇھىم بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.

مەملىكەت بويىچە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى يىللىق كاتتا مۇراسىم − «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش»نى باھالاشتا، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2017 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، جېمىنەيدىكى تۇڭتيەندۇڭ خارابىسى، نىلقا جىرىنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى، گۇچۇڭدىكى شىچېڭزى خارابىسى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى قىياق قۇدۇق تۇرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

«شىنجاڭ گۇچۇڭدىكى تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرى خارابىسى يىپەك يولىدىكى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدى» ناملىق خەۋەر مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئېلان قىلغان «2022 ـ يىللىق دۆلەت ئىچىدىكى ئارخېئولوگىيە توغرىسىدىكى ئون چوڭ خەۋەر»نىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى. 2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، «2022 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش»نى دەسلەپكى باھالاش نەتىجىسى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى، «شىنجاڭ گۇچۇڭدىكى تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرى خارابىسى» ۋە باشقا 21 تۈر ئاخىرقى باھالاش باسقۇچىغا كىردى.

مۇھىم، زور تېمىلارغا يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يول، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» مۇھىم، زور تۈرىگە كىرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى.

دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گۇەن چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى مەخسۇس تەشكىللەپ تۈزۈپ، 2018 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە نۇرغۇن مۇھىم، زور تېما تەتقىقاتىنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەشەببۇسكار ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىگە قارىتىلغان يېتەكلەش، قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي قۇرۇلمىسى، بۇددا دىنى تاش غار ئىبادەتخانىسى، يىپەك يولى بىلەن جۇڭگو ـ غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم تېما تەتقىقاتىدا بىر قاتار مۇھىم، زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۈيجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى كۆپ تۈرلۈك يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بۇ نەتىجىلەر <شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش>نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ جىيۇڭ. «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىگە بولغان سېلىنما ۋە ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى مەدەنىيەتتە پايدىلىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق ياراتتى

2022 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، نەتىجىلەرنى ئېلان قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمەتچىلىرىدىن باشقا، يەنە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى، بېيجىڭ داشۆ قاتارلىق توققۇز ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن ئالىملار بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، بېيجىڭ داشۆ، غەربىي شىمال داشۆسى قاتارلىق ئون نەچچە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپ شىنجاڭغا كېلىپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى بىلەن ئورتاق ھەمكارلاشتى. «نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمەتچىلىرى ۋە شىنجاڭ سىرتىدىكى ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەندىزىسى شەكىللەندى» دېدى لى ۋېنيىڭ.

بېيجىڭ داشۆ بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ، «دۆلەت باشقۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەتقىقاتى − خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي قۇرۇلمىسى سىستېمىسى بويىچە جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تېمىسى»نى قانات يايدۇرۇپ، غەربىي، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي قۇرۇلمىسى سىستېمىسى بويىچە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

جۇڭشەن داشۆ بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ھەمكارلىشىپ، تۇرپان شەھىرىدىكى شىپاڭ نېستورىيان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ، مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، شىنجاڭدا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلغانلىقى، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى دەلىللىدى.

جۇڭگو خەلق داشۆسى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ، گۇچۇڭدىكى تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى بەش يىل داۋاملاشتۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى ھويلا ـ ئاران، بۇددا ئىبادەتخانىسى، نېستورىيان دىنى ئىبادەتخانىسى، مۇنچا قاتارلىق يادىكارلىقلارنى قېزىپ رەتلەپ چىقىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ گۈللەنگەن جەمئىيىتى، ئىقتىسادى ۋە كۆپ مەنبە يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

لى ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ سىجىل قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىمۇ ئەسلىي مەنبە ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىلىپ، تېخىمۇ مول ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخ تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، خەلق تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىنىدۇ.