لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

日期:2023年03月22日
来源:天山网
【字体:

لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەق مەيدانى (3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تارتىلغان). چېن جىۋېي فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، دۆلەتنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك پورت ۋوگزالى − ئالاتاۋ ۋوگزالىدا، ئوندىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىسى يول ئۇلىنى تىندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئالاتاۋ ۋوگزالى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەيدانىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

2022 ـ يىلى 11 ـ ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە بولۇپ، لىنىيە لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، جىڭ ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئالاتاۋ ۋوگزالىغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 70 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت تۆمۈريولىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريولى، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئىككى يىل.

جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جىڭ، موگوتەن، بورتالا شەرقى، ئالاتاۋ ۋوگزالىدىن ئىبارەت ئەسلىدە بار بولغان تۆت ۋوگزال تەڭ قەدەمدە ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، ئالاتاۋ ۋوگزالى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ، بۇ ۋوگزالنىڭ يۈك ساندۇقىنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەيدانى ئۆزگەرتىلىدۇ.

«ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەيدانىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، بەش ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش رېلىسى ئەسلىدىكى 470 مېتىردىن 800 مېتىرغا ئۇزارتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن پويىزنىڭ تولۇق ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاماملىغىلى بولىدۇ، يۈك ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول گۇرۇھى 1 ـ ئىدارىسى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولى تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لو ۋېنخۇي تونۇشتۇرۇپ.

«يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانى <بىر تاموژنىدا ئىككى خىل تەكشۈرۈش> بىلەن تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تىرانسپورت ۋاگونلىرىنى تەڭشەش، پويىزلارنىڭ يېتىپ كېلىش ـ يولغا چىقىش مەشغۇلاتىغا كاشىلا يەتكۈزۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پورتنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى شۈ تۇڭفۇ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى باسقۇچلۇق جىددىي تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە پۈتۈن لىنىيەدىكى ئارىلاشتۇرۇش پونكىتى، رېلىس ياتقۇزۇش بازىسى قاتارلىق ۋاقىتلىق قۇرۇلىدىغان ئەسلىھەلەر، يانداش ئەسلىھەلەر بىردەك پۈتتى، 500دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش خادىمىنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇش مەيدانىدا تەق بولدى.

شۈ تۇڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، لىنىيەنىڭ نۇقسانسىز ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە تىرەك بولۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.