ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى ئىشلەيمىز

日期:2023年03月22日
来源:天山网
【字体:

ئەزا غەنىزات توختى:

ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى ئىشلەيمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ 10 ـ پارتىيە ياچېيكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جېنئەن كوچىسى خۇڭيۈەن جەنۇبىي يولى شەرقىي مەھەللىسى بىلەن بىرلىشىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

تەكلىپ بىلەن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى غەنىزات توختى لېكسىيەسىنى سوئال ـ جاۋاب شەكلىدە باشلىدى. ھەمتۈرتكە بولۇشقا قاتناشقان كادىرلار ۋە ئامما ئالاھىدە كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، بۇ مۇكاپات بېيجىڭدىن ئېلىپ كېلىنگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يېڭى ماركا چاپلانغان كونۋېرتى ئىدى.

«مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، مەن تۇنجى قېتىم بېيجىڭ خەلق سارىيىغا كىرىپ، قەلبىم كۈچلۈك ھاياجانغا تولدى.» غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: «خەلق سارىيى ئىچىدە ئولتۇرۇپ، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. مەن بىر خىل كۈچنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا بىز زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى چۈشەندىم. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە موھتاج».

غەنىزات توختىنىڭ ھەمبەھرىلىشىشى بىلەن، كۆپچىلىك خۇددى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېيجىڭغا كېلىپ، كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاشۇ مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئورتاق ھېس قىلغاندەك بولدى.

3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، غەنىزات توختى «ئەزالار يولى»غا چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشلۇق بولدى. «ئەزالار يولى»دا، ئۇ قىسقا سىن ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى خاتىرىلەشتىكى ئۇنتۇلماس كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى، ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇنداق تەكلىپنامە سۇندى: باھار يېتىپ كەلدى، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى، شىنجاڭدىن دوست تۇتۇشىنى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسلىدە پەقەت ئەتراپىمدىكى بەزى كىچىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردىم دەپ ئويلىغان، ئاخىرىدىكى تەكلىپ قىلىشىممۇ پەقەت بىر كىچىك ھەرىكەت ئىدى، بۇنىڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىدە غايەت زور دولقۇن قوزغايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. غەنىزات توختى كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «ئەزالار يولى»دىن چۈشۈشىمگىلا، بىر مۇخبىر مېنى ئىزدەپ كېلىپ، مەن ئىشلىگەن ئاۋازسىز تىياتىرنى كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ھەم شىنجاڭغا كېلىپ، مەن ئېيتقان ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئاشۇ مەكتەپكە بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، توردا كېلىشىدىغان تاكسى شوپۇرى كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن مېنى تونۇۋالدى ھەم مېنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش تەكلىپنامىسى سۇنغانلىقىمغا رەھمەت ئېيتتى.

«ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندىم. ئەمەلىيەتتە ھەربىر كىچىك ئىش بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىر كىچىك ئىشنىمۇ ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» غەنىزات توختىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان لېكسىيەسى نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

لېكسىيە يەنىلا داۋاملىشىدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش توختاپ قالمايدۇ.

غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، تاراتقۇ كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى ياشلىق قەسىمىم قىلىپ، «ياشلار كۈچى»نى مۇجەسسەملەپ، «ياشلار ماھارىتى»نى جارى قىلدۇرۇپ، «ياشلار مەسئۇلىيەتچانلىقى»نى نامايان قىلىپ، «جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى قوشىمەن.