2 ـ ئايدا شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى

日期:2023年03月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2 ـ ئايدا شىنجاڭ ئورۇندىغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 17 مىليون 937 مىڭ 800 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.48 ئاشقان؛ تاماملانغان تېز يەتكۈزۈش كەسپى كىرىمى 374 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.71 ئېشىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ھەم كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشقان.

شىنجاڭ پوچتا ساھەسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2 ـ ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە پوچتا ساھەسى ئورۇندىغان پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 59 مىليون 569 مىڭ 800 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.67 ئاشقان؛ پوچتا كەسپى ئورۇندىغان كەسپىي كىرىم 627 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.97 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ۋە كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشقاندىن باشقا، پوچتا شىركىتى ئورۇندىغان پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 41 مىليون 632 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.54 ئاشقان؛ پوچتا شىركىتى ئورۇندىغان پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش كەسپىي كىرىمى 41 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.54 ئاشقان.

ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ۋە كەسپىي كىرىمى بويىچە تەھلىل قىلغاندا، 2 ـ ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ھەم كىرىمى ئەڭ تېز ئاشقان، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 3 مىليون 698 مىڭ 800 پارچىگە، كەسپىي كىرىمى 53 مىليون 897 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %149.46، %70.56 ئاشقان؛ قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەسىپ مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %93.3، %70.39، %39، %33.25، %24.4 ئاشقان؛ تۇرپان شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كەسپىي كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ئايرىم ھالدا %57.54، %30.62، %29.05، %28.77 ئاشقان.

1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ پوچتا ساھەسى ئورۇندىغان پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 121 مىليون 17 مىڭ 800 پارچە، ئورۇندىغان كەسپىي كىرىم (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 1 مىليارد 342 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %7.6، %15.49 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورۇندىغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 36 مىليون 364 مىڭ 200 پارچە، ئورۇندىغان كەسپىي كىرىم جەمئىي 793 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %27.86، %17.89 ئاشقان؛ پوچتا شىركىتى ئورۇندىغان پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 84 مىليون 653 مىڭ 600 پارچە، ئورۇندىغان كەسپىي كىرىم جەمئىي 87 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %0.74، %13.88 ئاشقان.