قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى مەزگىلى توغرىسىدا ئالدىن مۆلچەر

日期:2023年03月21日
来源:天山网
【字体:

شەرقتىكى شەھەر تولدى باھارنىڭ پەيزىگە،

تەۋرىنىپ لەرزان، يېنىك دولقۇندا ئۈزمەكتە كېمە.

تالۇمەجنۇن پۈركىنىپ تاڭ نۇرىغا ئوينار ئۇسسۇل،

ئەنە گۈللەپتۇ ئۆرۈك ئوخشاپ شۇ ھال رەڭ لەيلىگە.

  ئۆرۈك چېچەكلەش ئالدىدا تۇرماقتا، گۈزەل مەنزىرە ئالدىدا، سىزگە چېچەكلەش مەزگىلىدىن ئالدىن مۆلچەر بەردۇق، چېچەك سەيلىسى قىلىشنى تېزدىن كۈنتەرتىپىڭىزگە كىرگۈزۈڭ.

   1)قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭتارقىلىش ئەھۋالى

   قەشقەر ۋىلايىتىشىنجاڭ بويىچە باغ-ئورمان كۆلىمى ئەڭ چوڭ رايون، خاس باغ-ئورمان ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 5 مىليون 820 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %31ىنىئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە،ئۆرۈكلۈك باغ 425 مىڭ 500 مو بولۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاساسلىق تارقالغان جايلاردىن يېڭىساردا 176 مىڭ 800 مو، قاغىلىقتا 58 مىڭ 400 مو، يەكەندە 74 مىڭ 700 مو،كوناشەھەر ناھىيەسىدە 81 مىڭ 600 مو، باشقا ھەرقايسى جايلاردا ئۆستۈرۈلگەن كۆلىمى 10 مىڭ موغايەتمەيدۇ.

  2) قەشقەر ۋىلايىتىدە تەسىس قىلىنغانساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى

  1. تاشقورغان ناھىيەسى پامىر ئۆرۈك چېچىكى كەنتى (داتۇڭ يېزىسى، قوغۇشلۇق يېزىسى)

    2. يېڭىسار ناھىيەسى ئەگۈس يېزىسى

   3) چېچەكلەش مەزگىلىدىكى ھاۋارايى شارائىتىدىن ئالدىن مۆلچەر

  4)2023-يىلى ئۆرۈكنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى توغرىسىدىن ئالدىن مۆلچەر

  قەشقەر تۈزلەڭلىكىدىكى ئاساسلىق ئۆرۈك ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى فېنولوگىيەلىك مەزگىلىدىكى كۆزىتىش ماتېرىياللىرىبىلەن ھاۋارايى شارائىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدەيېقىنقى مەزگىللىك ئەمەلىي فېنولوگىيەلىك مەزگىلدىكى كۆزىتىش ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، كېيىنكى مەزگىلدىكى ھاۋارايى شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، 2023-يىلى قەشقەر تۈزلەڭلىكىدە ئۆرۈك دەرىخىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر بولىدىكەن، قىيپاش شەرقىي، قىيپاش شىمالىي قىسمىدا بۇلتۇرقىغا يېقىنلىشىدىكەن ياكىبىر كۈن بالدۇر بولىدىكەن، قىيپاش جەنۇبىي رايونلاردا بۇلتۇرقىغا يېقىنلىشىدىكەن ياكى بىر كۈن ئەتراپىداكېچىكىدىكەن. كونكرېت ئالدىن مۆلچەر مەزگىلىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ.

  5)2023-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدا چېچەك سەيلىسى قىلىش مەزگىلى توغرىسىدىكى ئالدىن مۆلچەر

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى