ئەڭ يېڭى ئەسكەرتىش! شىنجاڭدىكى بۇ يوللاردا قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، ئايلىنىپ ئۆتۈڭ

日期:2023年03月21日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدا يېقىندا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تاشيول بۆلەكلىرىدىن قايسىلار بار؟ قار كۆچكۈنى يوشۇرۇن خەۋپى بار يول بۆلەكلىرى قايسىلار؟ يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش- بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ئەسكەرتىش ئېلان قىلدى ھەم ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يول لىنىيەسىگە تەكلىپ بەردى.

S12 لىنىيەسى (دۆڭمازار- نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى)

S12 لىنىيەسىدە (دۆڭمازار- نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا) دۆلەت يولى 218 لىنىيەسى دۆڭمازاردىن ناراتقىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يول بۆلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاچقا، 2023- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ، S12 لىنىيەسىنىڭ K230 - K158 (72- تۇەن ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئارالتۆپە ھەق ئېلىش پونكىتىغىچە) يول بۆلىكى ۋاقىتلىق قورشىۋېلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 2023- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى بولىدىكەن.

يول قورشالغان مەزگىلدە، ناراتقا بارىدىغان ئاپتوموبىللار 72- تۇەن ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىگە كىرىپ، ئارالتۆپە ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ، داۋاملىق ناراتقا قاراپ ماڭسا بولىدۇ. غۇلجا شەھىرىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار ئارالتۆپە ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىگە كىرىپ، 72- تۇەن ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ، داۋاملىق غۇلجا شەھىرىگە قاراپ ماڭسا بولىدۇ. قۇرۇلۇش مەزگىلىدە زەكتى ھەق ئېلىش پونكىتى قوش يۆنىلىشتە قورشىلىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرگىلى بولمايدۇ.

G3012 لىنىيەسى (تۇرپان- خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى)

G3012 لىنىيەسى (تۇرپان- خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى)نىڭ يۇقىرىغا ماڭغان يۆنىلىشتىكى K720 + 800 ـ K746 + 500 يول بۆلىكىدە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىش سەۋەبىدىن، 2023- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلانغان، كۇچادىن ئاقسۇغا بارىدىغان يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىللار يولنى ئۆزگەرتىپ تۆۋەنگە ماڭغان يۆنىلىشتىكى يولغا كىرىپ، قارشى يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل يولىدا ماڭسا بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 2023- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى بولىدىكەن.

G218 لىنىيەسى (قورغاس- چاقىلىق لىنىيەسى)

G218 لىنىيەسى (قورغاس- چاقىلىق لىنىيەسى) K174 - K156 (غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سامىيۈزى يېزىسى ئەشرەپ كەنتىدىن يېزا ئىگىلىك 4- شىسى بەشدۆڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغىچە) يول بۆلىكىدە، تاشيولدا چوڭ- ئوتتۇرا رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى قىلىنىدىغان بولغاچقا، 2023- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، بۇ يول بۆلىكىدىكى غۇلجا ناھىيەسىدىن غۇلجا شەھىرىگە بارىدىغان يۆنىلىشتە بىر قىسمى قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، ئاپتوموبىللار كۆرسەتمە تاختىسى بويىچە ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، قاتناش ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 2023- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى بولىدىكەن.

G312 لىنىيەسى (شاڭخەي- قورغاس لىنىيەسى)

G312 لىنىيەسى (شاڭخەي- قورغاس لىنىيەسى)نىڭ K4072 + 940 - K4048 + 910 (داۋانچىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن شياۋساۋخۇ خوۋگوۋغىچە) يول بۆلىكىدە، چوڭ- ئوتتۇرا رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى تاماملانمىغاچقا، قاتناش ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 2023- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدىكەن.

G3016 لىنىيەسى (چىڭسىخوزا- غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى)

G3016 لىنىيەسى (چىڭسىخوزا-غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى)نىڭ K42 + 300 جايىدىكى تۆۋەنگە ماڭغان يۆنىلىشتىكى (غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان يۆنىلىش) 66- تۇەن ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ چىقىش ئېغىزى (66- تۇەن يۆنىلىشى) باغلىما يول بۆلىكىدە، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسى غۇلجا شەھىرى چېگرادىن ئۆتىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن 2023- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 10دا بۇ يول بۆلىكى ۋاقىتلىق قورشىۋېلىندى. قورشىۋېلىنغان يولدا قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىدە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار G3016 لىنىيەسىدىكى چىڭسىخوزا- غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ K37 + 500 جايى (كۆكدالا ئۆتۈشمە يولى)دىن كۆكدالا ھەق ئېلىش پونكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ 66- تۇەنگە بارسا بولىدۇ، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى G3016 لىنىيەسىدىكى چىڭسىخوزا- غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ K28 + 600 جايى (خۇييۈەن شەرقىي ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق يولى) ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن چىقىپ، G218 لىنىيەسىگە بارغاندا ئوڭغا بۇرۇلۇپ 66- تۇەنگە بارسا بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، قاتناش ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 2023- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى بولىدىكەن.

G219 لىنىيەسى (قاناس- دۇڭشىڭ لىنىيەسى)

G219 لىنىيەسى (قاناس- دۇڭشىڭ لىنىيەسى)نىڭ K125 - K91 (قاناستىن ئاققاباغىچە) يول بۆلىكىدە S232 لىنىيەسى (بۇرچىن- قاناس تاشيولى ) K72 - K0 (قاناستىن خېيليۇتەن تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە) يول بۆلىكىدە، قار كۆچكۈنى يوشۇرۇن خەۋپى تېخى تۈگىمىگەچكە، قاتناش ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 2023- يىل 3- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى.

ئالاقىدار خادىم يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارغا يۇقىرىقى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يول يۈرۈش لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى ۋاقتىدا تەڭشەشنى، يول يۈرۈش جەريانىدا، يېتەكلەش بەلگىسى، بەلگە تاختىسىغا ئاساسەن، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ۋاقىتلىق قاتناش بەلگىسى ۋە قاتناشنى راۋانلاشتۇرغۇچىنىڭ يېتەكلىشى بويىچە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئېھتىيات بىلەن ھەيدەشنى ئەسكەرتىدۇ.

كەڭ شوپۇرلار، يولۇچىلار شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتلىق يول ئەھۋالى ۋە تاشيول ھاۋا رايى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئەڭ يېڭى ياكى تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسا، شىنجاڭ قاتناش ئاممىۋى سەپەرگە چىقىش ئۇچۇر مۇلازىمەت تور بېكىتىگە كىرىپ ياكى «شىنجاڭ يول تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنى قوشۇۋېلىپ، سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالسا بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۈرۈمچى يۇغۇرما تاراتقۇسى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى