شىنجاڭدىكى بۇ «چىرايلىق» دەرەخلەرنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

日期:2023年03月20日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 12-كۈنى45-قېتىملىق كۆچەت تىكىش بايرىمى، بىز بىرلىكتە شىنجاڭدا بىر قەدەر كۆپ ئۆستۈرۈلگەن، ئىنتايىن كۆركەمدەرەخ تۈرلىرىبىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

شىنجاڭ تېرىكى

شىنجاڭ تېرىكى ئاق تېرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دەرەخنىڭ شەكلىۋە يوپۇرماق شەكلى ئىنتايىن چىرايلىق، دەرەخنىڭ چوققا قىسمىتار سىلىندىرسىمان ياكى ئۇچلۇق مۇنار شەكىللىك، قوۋزىقى كۈل رەڭ ياكى كۆكۈچ كۈل رەڭدە. بۇ خىل تېرەكنىڭ شامالغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك، ئۆسۈشى تېز.

ئاق سۆگەت

شىنجاڭنىڭ باھارىنىڭ گۈزەللىكى بىخ سۈرۈپ ھەممە يەرنى قاپلىغان سۆگەت دەرىخىدىن ئايرىلالمايدۇ.دۆلىتىمىزدە ئاق سۆگەت ئادەتتە كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان دەرەخ تۈرى بولۇپ، بولۇپمۇ شىنجاڭدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ياۋا ئاق سۆگەت ئالتاي، چۆچەكلەردە ئەڭ بولۇق ئۆسىدۇ.

قارلىق تاغ شەمشادى

شەمشاد ئارقىلىق دائىم ئادەمنىڭ پەزىلىتىسۈپەتلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز بولغان رايونلاردا يىل بويى يىغىلىپ قالغان قارلار ئارىسىداقەيسەرلىك بىلەن ئۆسىدۇ، تىيانشان شەمشادى تىيانشاننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2800-1500 مېتىرغىچە بولغان تەسكەي يانباغرىغا كەڭ تارقالغان. ئادەتتە 30-20 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ.

چىنار دەرىخى

چىنار يوپۇرماق تاشلايدىغان چوڭ دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىدۇ. دۇنيادىكى داڭلىق سايە تاشلاپ تۇرىدىغان دەرەخ ۋە پىيادىلەر يولىدەرىخى بولۇپ، «پىيادىلەر يولى دەرەخلىرىنىڭ شاھى» دېگەن نامى بار. شىنجاڭدا چىنار دەرىخى پوسكام ناھىيەسىدەكەڭ كۆلەمدەئۆستۈرۈلىدۇ، چىنار دەرىخى قۇملۇقتىنىڭ چېتىگە جايلاشقان پوسكام ناھىيەسىگە يېشىللىق ئاتا قىلىپ، شەھەرگە تېخىمۇ رومانتىكىلىق ۋە جىمجىتلىق ئاتا قىلدى.

قارىياغاچ

قارىياغاچ يەنە قارىياغاچ دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئۆمرى 100 يىلدىن ئاشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن تۆۋەن بولغان دەريالارنىڭ ئىككى قىرغىقى، تاغ باغرى ۋە ئېتىز بويلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭجەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى يەنئېرۋو قەدىمىي قارىياغاچلىق ئورمانلىقىدىكى دەل-دەرەخلەر ئاساسلىقى قەدىمكى قارىياغاچنى ئاساس قىلىدۇ.

كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن

كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇنيەنە تىيانشان ئەرمۇدۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كەركىدانگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، شىنجاڭدىكى مۇھىم كەڭ يوپۇرماقلىق، ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان دەرەخ تۈرى، شۇنداقلا ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى سۇ، تۇپراقنى ساقلايدىغان مۇھىم دەرەخ تۈرى، دەريا قىرغىقىنىقوغداش ۋە دەريا ساھىلىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

توغراق

شىنجاڭدا، توغراق قۇملۇقتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ، قۇرغاق چۆللۈكتە ئۆسكەچكە، قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، يۇمران شاخلىرىدا ئۆسىدىغان يوپۇرماقلىرى تار ھەم ئۇزۇن بولىدۇ. چوڭ دەرەخنىڭ شاخلىرى، ئۈستىدىكى يوپۇرماقلىرى خۇددى تېرەككىلائوخشايدۇ.

مەشئەل دەرەخ

مەشئەل دەرەخ جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا بىردەك ئۆستۈرۈلىدۇ. پىيادىلەر يولىدەرەخلىرى ئىچىدە ئالدىن تاللىنىدىغان دەرەخ تۈرى. مەشئەل دەرەخ «ئوتتا كۆيمەي»لا قالماستىن، يەنە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىدىغان دەرەخ تۈرى، چۈنكى ئۇنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرىنىڭ سۇ تەركىبى مول. مەشئەل دەرەخنىڭ تۇپراققا ماسلىشىشى كۈچلۈك، قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق.

سۆگەل شاخلىق قېيىن دەرىخى

سۆگەل شاخلىق قېيىن دەرىخى قېيىن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى سىيلىق، ئاق رەڭدە بولۇپ،زىچ سۆگەلبار. دۆلىتىمىزدە ئاساسلىقى ئالتاي تېغى، تىيانشان تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان، شىنجاڭ بويىچە بىرقەدەر مۇھىم ماتېرىيال ئورمىنى ۋە كۆركەرتىش دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن تېرىغان بىر تال ئۇرۇق، ئەتە چوقۇم ھوسۇل بېرىپ بىر پارچە ئورمانغا ئايلىنىدۇ. باھار كەلدى، يېڭى يېشىللىق ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ، ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان يېشىللىقىنى بەرپا قىلىڭ!

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى