ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 52 يېزا-بازار تور نۇقتىسى بۇ يىلدىن باشلاپ قۇرۇلىدۇ

日期:2023年03月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپى بويىچە 52 يېزا-بازار تور نۇقتىسى قۇرىدىكەن.

«52 تور نۇقتىسىنىڭ ھەممىسى ناھىيە، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، نوپۇس ئاساس سانى كۆپ، قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش ئېھتىياجى مەركەزلەشكەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشتىكى ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئاددىي تۈردىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى يېزا-بازارلاردىن چىقماي تۇرۇپ <يېقىن ئەتراپتا بېجىرگىلى بولۇش، كۆپ نۇقتىدا بېجىرگىلى بولۇش، ئاز قاتراپ تېز بېجىرىش>نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىلباشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ جىڭۋىيى جۇ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپى بويىچەيېزا-بازارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان 52تور نۇقتىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامما ئۆزىگە يېقىنراق بولغان تور نۇقتىسىنى تاللاپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كەسپى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بويىچەكەسىپبېجىرسە بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جۇغراپىيەلىك ئورنى چەت، نوپۇس تارقىلىشى مەركەزلىك بولمىغان يېزا-بازار ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ چېگرا پورتلىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشى قولايسىز بولۇشتەك ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

بورتالا ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر يېزا-بازار، كوچا ئىشباشقارمىلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى، سۈرەتتە: خەلق ساقچىلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرمەكتە. بورتالا ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

«يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردا ئىقتىساد، جەمئىيەت تېز تەرەققىياتقا ئېرىشتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا رايونلىرىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئىگە بولۇشمىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %15 ۋە %10تىن يۇقىرى ھالەتمۇقىم ساقلاندى، 2022-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئەنگەئېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 225 مىڭ 900گە يەتتى، 2022-يىلى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 451 مىڭ 600گە يېتىپ، 2019-يىلىدىكىدىن 79 مىڭ 600 ئادەم كۆپەيدى.

  «سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلانغان، ئۇلارنىڭ يېزا-بازارلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش كەسپىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشقان، بىز كۆپكۈچ سەرپ قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىمىز كېرەك.» جۇ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى كەسىپلەرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇردى، قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يېزا-بازارلارنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى، ناھىيە دەرىجىلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىباشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپ نىسبىتى ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى %10تىن %40كە، تور نۇقتىلىرىنىڭ ئۇزارتىلغان كەسىپ نىسبىتى%30كە ئۆستى، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

  قوشۇمچە: 2023-يىلى شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنىڭ يېزا-بازار قۇرۇلۇشى پىلانى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى