​سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

​سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاددىي پارتىيە ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدا قىلغان «بەشتە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا، پارتىيە ياچېيكىسىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكا بەنزىسىگە ۋاكالىتەن خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى ھەم سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى كەسكىن، ئەستايىدىل ھالدا تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئەركىن تۇنىياز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتۈپ، ئارىلاپ - ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، كاتىبات 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىپ، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى، يولداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاددىي پارتىيە ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، شۇنداقلا جەزمەن ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت، رىئايە قىلىدىغان ئىنتىزام. ئۆزىنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي تۇرمۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دائىم ئۆگىنىش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش داۋامىدا نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىردىشىش، پىكىرلىشىش داۋامىدا ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈش، تەنقىد قىلىش داۋامىدا پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، ئۇنىڭ ئەڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى سىياسىي خۇسۇسىيەت، ئەڭ تۈپ قۇرۇلۇشى سىياسىي قۇرۇلۇش. ياچېيكىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە بىلىم جۇغلاشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ «سىياسەتنى راۋانلاشتۇرغۇچى» ۋە كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىشى كېرەك. تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ سۈپەت، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى خىزمەتتە تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئامما ئويلاۋاتقان، ئۈمىد قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، «زور تەكلىپ» «كۈچلۈك تەدبىر» «قالتىس چارە»لەرنى كۆپ پىلانلىشى كېرەك. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشى، زىچ ماسلىشىشى كېرەك. تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاپ قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پاك - تەلەپچان بولۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق ئۆزىگە چەكلىمە قويۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرمەسلىك، يولدىن چىقىپ كەتمەسلىك، قائىدىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ مۇتلەق سادىق بولۇش، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى تەربىيەلەپ ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.