ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇندا تۇردى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇندا تۇردى... 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ يىل 1 -، 2 - ئايلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى توغرىسىدىكى قىسقىچە ئەھۋالنى ئېلان قىلدى، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن جۇڭجېن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ياخشى باشلىنىپ، ئىستېمال بازىرى تېز ئەسلىگە كېلىپ، پۇل مۇئامىلە، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشى ساقلىنىپ، 1 - پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇندا تۇردى. كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ تاللاش كەسپى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.1 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سانائىتىنىڭ 4.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 75 مىليون 634 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.2 ئاشتى؛ سېتىلىش مىقدارى 72 مىليون 780 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.4 ئاشتى. شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور، ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ توك چىقىرىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتى شىنجاڭ سانائىتىنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەش كەسپى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى قارا رەڭلىك، رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە پىروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشى، مەھسۇلات باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتىمۇ ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بىردەك يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. قارا رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە پىروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 44.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە پىروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

رايونلاردىن قارىغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولى چوڭ بولغان. 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئىچىدىكى ئون ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، توققۇز ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ 3.2 ۋە ئىككى پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

مەبلەغ سېلىش، ئېكسپورت، ئىستېمال شىنجاڭ ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك تۈرتكە بولدى. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت سېلىنمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.3 ۋە %32.3 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 44 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %86.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 38 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.6 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى 6 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.8 ئاشتى. سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا توققۇز ئاي تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاخىرلىشىپ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئېكسپورتىدا تاپشۇرۇلغان مال قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 26.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 57 مىليارد 758 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشتى.

سانلىق مەلۇماتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 36 مىليارد 419 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 70 مىليارد 86 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان.