​خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا دائىر لېكسىيە ئۆتكۈزدى​

خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا دائىر لېكسىيە ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم لېكسىيە سۆزلىدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئۆگىنىش ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەكلى كۆپ خىل بولغان تەشۋىق قىلىش - چۈشەندۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، تەتقىق قىلىش - ئىزاھلاشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ يېڭى روھى ۋە يېڭى مەزمۇنىدىن ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىپ، قانۇنچىللىق روھى، قانۇنچىللىق قارىشىنىڭ قەلبلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇنىي تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى نىزامىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك. نىزام چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمى ۋە تەرتىپىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ئېھتىياجنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاچقۇچ قىلىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىتچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. «كىچىك دائىرىلىك نىزام» چىقىرىش ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش، ھەم بىر قىسىم «چوڭ ھەجىملىك نىزام»لارنى چىقىرىش، ھەم بىر قىسىم «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق نىزام»لارنىمۇ چىقىرىش كېرەك. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا ئاساسەن، «ھۆججەتلا بولىدىكەن جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىش» پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە تەرتىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.