​خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمەن

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

ئەزا يۈكسەك شىجائەت:​

خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇلارنى ئاڭلاپ مەن چەكسىز ھاياجانلاندىم» دېدى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 5 - قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى يۈكسەك شىجائەت مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلىگەندە.

يۈكسەك شىجائەت مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىغىندىكى يارقىن نۇقتىلار قاتارلىق جەھەتلەردىن لېكسىيە سۆزلىدى ھەم كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

«نۇرغۇن سۆزلەر يىغىلىپ <مىننەتدارلىق> دېگەن بىر سۆزگە مۇجەسسەملەندى». يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي كېڭىشىش سارىيىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىش بىلەن بىللە، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈكسەك شىجائەت سەھنىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى سۇيايدى كەنتىدە ئۇدا بەش يىل كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. بۇلتۇر، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا، يۈكسەك شىجائەت بۇرۇنقىدەكلا تەرەپ - تەرەپلەرگە بېرىپ زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «مەن 2018 - يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلاندىم، يەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كەنتتە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتىم، يەنە كەنتتە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە توپلىدىم» دېدى يۈكسەك شىجائەت.

«لېكسىيە مەزمۇنى مول، ئەمەلىي بولدى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھى قەلبلەرنى ئىللىتىپ، روھنى ئۇرغۇتتى.» لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سىياسەت - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاۋ خېلىن مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ياخشى روھىي قىياپەت بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپى ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

يۈكسەك شىجائەت مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ لېكسىيە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، يېقىندا، ئۇ يەنە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ. «ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خىزمىتىم، ئۆگىنىشىمنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، پارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان، ۋەتەننى مەدھىيەلەيدىغان، خەلقنى مەدھىيەلەيدىغان، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ياخشى تارقاتقۇچىلىرىدىن بولىمەن» دېدى يۈكسەك شىجائەت.