ئومۇمىي ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرۇلغان. ھازىرغىچە، 1 مىليون 100 مىڭ موغا يېقىن دېھقانچىلىق زىرائىتى تېرىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان.
يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كەينى - كەينىدىن تېرىش مەزگىلىگە كىرىدىكەن. زىرائەت تۈرىدىن قارىغاندا، 450 مىڭ موغا يېقىن يەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىلىپ بولغان، بۇلار ئاساسلىقى قوناق ۋە يازغى بۇغداي ئىكەن، 190 مىڭ مو ئەتراپىدا كۆكتات تېرىلغان، 460 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە باشقا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلغان. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاش جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشقان، ئۇرۇق زاپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %100تىن ئاشقان، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش مۇقىم بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئاشلىقتا «كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش»نى يېزا ئىگىلىكى - يېزا خىزمىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، كېڭەيتىپ تېرىلغان 4 مىليون 800 مىڭ مو ئاشلىق كۆلىمىنى كونكرېت يەرلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلىدىكەن، ئاپتونوم رايون جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرىنىڭ تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى قۇرۇپ، كەسىپ سىستېمىسىدىكى باش مۇتەخەسسىسنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى نىشانلىق ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، كۈچەپ بۇغداي، قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدىكەن.
«كېيىنكى قەدەمدە، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىقلار بويىچە پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش داۋامىدا يولۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىقنى ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ يىۋۇ.