​بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە توققۇز مەخسۇس ھەرىكەت يولغا قويۇلىدۇ

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

«ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى​

بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە توققۇز مەخسۇس ھەرىكەت يولغا قويۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى. «لايىھە»نى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىشىپ تۈزگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان. «لايىھە»دە 2025 - يىلى، 2030 - يىلى يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمەت نىشانى بېكىتىلىپ، تاماملىنىدىغان بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە يولغا قويۇلىدىغان توققۇز مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، سىستېمىلىق پىلانلاش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2025 - يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ يۇغۇرۇش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىدا پائال نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، بىرلىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قويۇپ بېرىش سىجىللىقى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئېتىز تۇپرىقىنىڭ كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. 2030 - يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ بىرىكمە كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ، تېرىقچىلىقتا پارنىك گازى قويۇپ بېرىش، چارۋىچىلىقتا كۆشىگۈچى ھايۋانلار ئۈچەي يولىدا ئېچىتىش ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى باشقۇرۇش، پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ۋە يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىش سىجىللىقى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئېتىز تۇپرىقىنىڭ كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىنىدۇ.

«لايىھە»دە تېرىقچىلىقتا ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقتا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، ئېتىزلاردا كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئورنىغا دەسسىتىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يولغا قويۇلىدىغان توققۇز مەخسۇس ھەرىكەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چارۋىچىلىقتا تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ھەرىكىتى، خىمىيەۋى ئوغۇت مىقدارىنى ئازايتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى، شاخ - شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ھەرىكىتى، ئېتىزنىڭ كاربون يىغىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا يېشىل ئېنېرگىيە تېجەش ھەرىكىتى، شاللىقتا مېتان قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ھەرىكىتى، بېلىقچىلىقتا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون يىغىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئورنىغا دەسسىتىش ھەرىكىتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تىرەك بولۇش ھەرىكىتى.

«لايىھە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، رايون يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى قوللاش سىياسىتىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى قوللاش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە سىياسەت، نىزاملارنى تۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا يۆنىلىشتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەلبىيلىرىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق بولغان يۆلەش سىياسىتىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، چارۋىچىلىق، ئېتىز، ئوغۇت، شاخ - شۇمبا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش مەبلىغى بىلەن بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى باغلايدىغان مۇكاپات - ياردەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە كاربون سودا بازىرى، بازار مېخانىزمى، جەمئىيەت مەبلىغى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاشقا ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلاردا بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىشنى ئېشىش نۇقتىسى قىلغان يېزا ئىگىلىك يېڭى كەسىپلىرى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.