​2023 - يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار، گۈلگە پۈركەنگەن تۇرپان

​2023 - يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: بىر يىلدىكى يېشىللىق پەسلى يەنە باشلاندى، ئوت يۇرتىدا ئۆرۈك چېچەكلىرى ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچتى. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار، گۈلگە پۈركەنگەن تۇرپان» 2023 - يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈكتە باشلاندى، نۇرغۇن ساياھەتچى باھار قىزىنىڭ قەدىمىنى بويلاپ گۈل دېڭىزىغا جەم بولۇپ، باھاردىكى بىر مەيدان ئۇچرىشىشقا بىللە قاتناشتى.

2023 - يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار، گۈلگە پۈركەنگەن تۇرپان»نى باش تېما قىلىپ، خاس ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، «مېيياڭياڭ» تۇرپان چىرايلىق قويلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى بىلەن ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» ماركا ئېففېكتىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىپ، «ئۈزۈم مۇقەددەس شەھىرى، يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ساياھەت مەنزىلگاھى يېڭى ماركىسى، يېڭى ئوبرازىنى ياراتتى. پائالىيەت 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

خۇش پۇراق چاچقان ئۆرۈك چېچەكلىرى، قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى، ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان خاس مەززىلىك تائاملار... ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى نەق مەيدانغا كەلگەن ساياھەتچى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. مۇخبىر 10 مىڭ مولۇق ئۆرۈك چېچىكى بېغىدا، ھال رەڭ ياكى ئاق رەڭلىك كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ شاخلاردا بەس - بەستە ئېچىلغانلىقىنى كۆردى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆرۈكلەر ئارىسىدا سەيلە قىلىپ، ئىككى - ئۈچتىن بولۇشۇپ گۈل تاماشا قىلغاچ رەسىمگە چۈشۈۋاتقان بولۇپ، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى.

ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر «تۇرپان سوۋغىتى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، خەلق سەنئەتكارلىرى ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى باھالاش كۆرگەزمىسى، قىزىل ھاراق تېتىغاچ خۇشال - خۇرام مال سېتىۋېلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كۆرگەزمىسى، ناۋايچىلىق ھۈنىرى، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىش، مىڭ يىللىق توغراقنى تاماشا قىلىش، خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش ھەمدە يۈرۈشلۈك سەيلى - ساياھەت قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

«باھارغا ئائىت نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرگەن بولساممۇ، بىراق بۇلار نەخۇل كەنتى ئۆرۈك چېچىكى بېغىدىكى باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان بۇ مەنزىرىگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن كوچىدىكى مەززىلىك تائاملار مېنى ھەقىقەتەن جەلپ قىلىۋالدى، قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمىدىم، بۇ بىر قېتىملىق ئىنتايىن قالتىس ساياھەت تەسىراتى بولدى.» ساياھەتچى ليۇ لىپىڭ تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى يەنە شۇ جايدىكى ئاممىغا كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى ئېچىپ بەردى. نەخۇل كەنتى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى توقسۇن لەڭمىنى، تونۇر كاۋىپى، قارا قوي كاۋىپى، ئالاھىدە قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، چاڭشا چوۋدۇفۇسى، داليەن سىياھ بېلىق قورۇمىسى قاتارلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەر ھەمدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئالاھىدە قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلار تىزىلغان يايمىلارنىڭ ئالدى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، سودىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.

ليۇشىڭيۈ خاس مەززىلىك تائاملار دۇكىنىنىڭ دۇكان ئىگىسى ئابلەت مەمەت ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا ئالاھىدە لەڭمەن، كاۋاپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەززىلىك تائامنى سېتىپ، شۇ كۈنى تولىمۇ ئالدىراش بولدى، لېكىن ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كېلىپ، رازىمەنلىك ئىلكىدە قايتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلەر رازى بولسىلا، كېيىن بىزنىڭ بۇ يەرگە يەنە ساياھەت قىلغىلى كېلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، كىرىمىمىز مۇقىم ئاشىدۇ».