بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇشتا بۇ چارىلەر ئەسقاتىدۇ

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

«لايىھە»دە 16 جەھەتتىكى بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ناھايىتى تەپسىلىي سۆزلەنگەن، بۇ، دېھقان - چارۋىچىلار، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىغا قارىتا ئىلھاملاندۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان ئۈچ تۈر تۆۋەندىكىچە:

كۆشىگۈچى ھايۋانلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېقىش ۋە ئۈچەي يولىنىڭ مېتان قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش

كۈندىلىك يەم - خەشەك ئوزۇقلۇقىنى تەڭشەش، كونترول قىلىش ۋە مېتان تىزگىنلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ مېتان قويۇپ بېرىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. كۈندىلىك يەم - خەشەكنى ئەلالاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەم - خەشەكنىڭ ئىنچىكە - يىرىكلىك نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، قىچا يېغى قاتارلىق ياغ ياكى ياغ كىسلاتاسى ۋە زەمبۇرۇغ، ئېنزىم ياسالما دورىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ، چوڭ قېرىننىڭ ئېچىتىش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، چوڭ قېرىندا مېتان ھاسىل بولۇشنى تىزگىنلەش كېرەك. يىرىك يەم - خەشەكنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىپ، سىلوس ياساش، ئېزىپ ئۇششاقلاش، بېسىپ قويۇپ كۆپتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شاخ - شۇمبىلارنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىپ، يىرىك يەم - خەشەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە يەم - خەشەكنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش

تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن دەل جايىدا ئوغۇتلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئازوت (Ⅰ) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. ئازوتلۇق ئوغۇت مىقدارى ھەم ئازوت، فوسفور، كالىيلىق ئوغۇتنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ - تىزگىنلەپ، ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ تۈرى، ئوغۇتلاش ۋاقتى، ئوغۇتلاش ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، زىرائەتلەردە ئازوتتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئازوت (Ⅰ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇزاقتا ئۈنۈم بېرىدىغان ئوغۇت، تۇراقلىق ئوغۇت، بىيولوگىيەلىك ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇپ كاربون يىغىشنى ئاشۇرىدىغان ئوغۇت ھەم يىلتىز ھۇررىكى زەمبۇرۇغى دورىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈپ، زىرائەت ھوسۇلى ئېھتىياجىنى ئاساس قىلغان خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەم ئالاقىدار سېنزورلارغا بىرلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئوغۇتلاشنى يولغا قويۇش كېرەك. 14 - بەش يىل مەزگىلىدە تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلىدۇ.

ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دىزېل موتورىنى كېڭەيتىش

ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دىزېل موتورىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش كېرەك. دىزېل موتورىنىڭ كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ماي سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى مەنبەدىن ئازايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆزگىرىشچان گاز كىرگۈزۈش، ئوتتۇراھال سوۋۇتۇلىدىغان تۇربىن ئارقىلىق بېسىمنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى بېسىملىق ئورتاق رېلىس قاتارلىق دىزېل موتور مەنپىي بېسىملىق ماي تېجەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئېنېرگىيە موتورى بىلەن غەيرىي ئېنېرگىيە موتورى (ماي بىلەن توك ئارىلاشما)نى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە چىقىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ياكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشنى تىراكتورنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، دىزېل مېيى قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيەلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش نىشانىغا يېتىش كېرەك.